تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتايلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىۋاتقان ئالدىنقى شەرتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تەلىپى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىشنىڭ تەلىپى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەلىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەلىپى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ تەلىپى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ تەلىپى. بىز ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكلىنىدۇ. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشتىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىشتىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى، پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىمىز. بىز تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى قەدىرلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ دىرىژورلۇق تايىقى، قىزىل - يېشىل چىرىغى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەش، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يېشىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، «13 - بەش يىل»نى تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى پىلانلايدىغان يىل، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېڭىش كېرەك. بىز جەزمەن ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك؛ مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ئاممىغا بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك؛ ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇشنى بوشاشتۇرماي، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتساق، بىز جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ