تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غاز، توشقان باقمىچىلىقى باش رول ئوينىدى كۈنلەر بارغانسېرى غەيرەتكە تولدى

خوتەن ۋىلايىتى ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

غاز، توشقان باقمىچىلىقى باش رول ئوينىدى كۈنلەر بارغانسېرى غەيرەتكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، پەرىزات ئابدۇل، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

كەنت ئاھالىلىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى توغراقتار كەنتىدىكى غاز چۈجىسى يېتىلدۈرۈش باقمىچىلىق بازىسىدا غاز چۈجىلىرىنى باقماقتا (6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

«2019 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ توشقان بېقىپ ھازىرغىچە، مەن 12 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم» دېدى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى توخۇلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۆرنىسا ئىمىننىياز كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا. ئەندىشە قىلىش، قاراپ بېقىشتىن ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقىچە، ھۆرنىسانىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىسى بارغانسېرى تولۇپ تاشتى.

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. خوتەن ۋىلايىتى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى، غاز، توشقان باقمىچىلىقىنى گۇما، خوتەندىن ئىبارەت ئىككى ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى باش رولچىغا ئايلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، نامرات ئاممىنىڭ مەنىۋى كۈچى بار بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى زاپاس كۈچى تولۇپ تاشتى، كۈنلىرى بارغانسېرى غەيرەتكە تولدى.

يانچۇق تومپايدى

خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسىنىڭ نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈرىدە، تېرەكئېرىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئابدۇخېلىل ئابدۇللا بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «تەمىنى تېتىش»نى تەلەپ قىلغان باقمىچىلىق ئائىلىسى.

2019 - يىلى، بۇزاق يېزىسى نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ زاۋتۇ دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، زاۋتۇ باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى، ئابدۇخېلىل 1 - تۈركۈمدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ، ئەڭ بالدۇر نەپكە ئېرىشكەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

«مەن دەسلەپتە 100 توشقان باقتىم، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە جەمئىي يەتتە تۈركۈمدە 1020 بۆجەننى قەپەستىن چىقىرىپ سېتىپ، 12 مىڭ 100 يۈەن پۇل تاپتىم» دېدى ئابدۇخېلىل. شۇ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئۇ، نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقى كىچىك ئەترىتى قۇرۇپ، باقمىچىلىق تەجرىبىسىنى ئۆگىتىپ، 27 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ زاۋتۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۆ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇزاق يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ گۆش توشقىنى باقمىچىلىقى تۈرىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىش ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، كارخانىنىڭ 2 - قارارلىق توشقان قەپىسى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ يىل يەنە 200دىن ئارتۇق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدۇق. «ھازىر، كارخانا قەپەستە بېقىۋاتقان نەسىللىك توشقان 160 مىڭدىن ئاشتى، پۈتۈن يىلدا نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقى كۆلىمىنى 200 نەچچە مىڭغا، قەپەستىن چىقىرىپ سېتىلىدىغان تاۋار توشقاننى 8 مىليوندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، 2000دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».

توشقان بېقىشتىن باشقا، غاز بېقىشمۇ گۇما ناھىيەسىدىكى نامرات ئاممىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتتى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى بەلقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شاتۇر سادىر ناشتا قىلىپ بولۇپلا، كەنتتىكى غاز مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نۇقتىسىغا بېرىپ، غازلارغا سۇ، يەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى كۆزەتتى.

«يەرلىرىمنى شىركەتكە ئىجارىگە بەردىم، ئۆيدىكى غازلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىۋاتىمىز، شىركەت يەنە پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاشىم بار، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا چاتاق يوق.» شاتۇر ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېساباتىنى ناھايىتى ئېنىق قىلدى.

كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل ياڭ يۈەن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: غاز بېقىش ئارقىلىق، پۈتۈن يېزىدىكى 614 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، كىشى بېشى كىرىمى 4000 يۈەنگە يېتىدۇ.

كەسىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، دېھقانلارنى «دېھقانچىلىق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، ئىشچىلىق كىيىمىنى كىيىپ»، كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۇزاق يېزىسى كەنتئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئاماننىسا ناسىر ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۈچ بالىسىنى ئۆزى يالغۇز بېقىۋاتقان بولۇپ، تۇرمۇشى جاپالىق ئىدى. بۇ يىل ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋتۇ سويۇش - پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، تۇرمۇشى كۆپ ياخشىلاندى. «ئون مىنۇتتىلا زاۋۇتقا بارالايمەن، ھەر ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن.» ئاماننىسا ھازىرقى خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى، «بۇ يىل مەن يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 100 توشقاننى ھاۋالىلىك باقتۇرۇۋاتىمەن، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ».

«بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە پۇل ئامانەت قويدۇم، قەرزىمنىمۇ قايتۇرۇۋالدىم.» گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ توغراقتار كەنتىدىكى غاز چۈجىسى چىقىرىش - بېقىش بازىسىدا ئىشلەۋاتقان پاتىگۈل ئابدۇللا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سېخقا كېلىپ ئىشلىدىم، بىرنەچچە ئايدا، غاز بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالالايمەن.

كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈم ئېففېكتى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ كۇنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ جيەنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز كۆكتېرەك يېزىسىدا ئورماندا غاز بېقىش نۇقتىسى، غاز چۈجىسى چىقىرىش - بېقىش بازىسى، نەسىللىك غاز يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 2000دىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

غاز كەسپىنى مىسالغا ئالساق، گۇما ناھىيەسى «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۆپەيتىش، بېقىش، سېتىش ھەم غاز مامۇقى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، غاز كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى «كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، كەسىپكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، زور بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار بەس - بەستە ماكانلىشىپ، «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزا - بازارلاردا كۆلەملىك كارخانا بولۇش، كەنتلەردە كەنت قۇرغان كارخانا بولۇش، ئائىلىدە ھۈنەرخانا بولۇش»تەك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى، بارغانچە كۆپ دېھقان كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

تۇرمۇش تېخىمۇ گۈزەللەشتى

كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، بېيىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

ئادىلە ئابلەت بىلەن ئېرى بۇزاق يېزىسىدىكى زاۋتۇ سويۇش - پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇلار ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلدى.

«توكسىكلىت مىنىپ ئون نەچچە مىنۇتتىلا زاۋۇتقا بارالايمىز، بالىلارغا قاراشقا ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلساق ھەم ئىشقا بېرىپ پۇل تېپىشىمىزغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دەخلى يەتمەيدۇ.» ياش ئادىلە ئەر - خوتۇننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى تولۇپ تاشقانىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كەسىپكە تايىنىش كېرەك، كەسىپ تەرەققىياتىدا خاسلىق بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى كەسىپ تەرەققىياتىدا «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى زور بىر تۈركۈم باشلامچى، تايانچ كارخانىلارغا تايىنىپ، «100 مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون» دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپ توپىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، «تېرىقچىلىققا ماس كەلسە تېرىقچىلىق قىلىش، باقمىچىلىققا ماس كەلسە باقمىچىلىق قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئاساس ئائىلە + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ ھازىر بار بولغان ھويلا - ئارانلىرىدىكى قوتان - كاتەكلەردىن پايدىلىنىپ توشقان، غاز، كەپتەر، قوي، ئېشەك قاتارلىق خاس باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لى فۇخوۋ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: خاس تۈۋرۈك كەسىپلەر نۇقتا ھالەت، تارقاق ھالەتتىن بەلباغسىمان، كاللەكسىمان ھالەتتە توپلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئەۋزەللىكى بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىن ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا مەركەزلەشتى، خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توشقان، غاز باقمىچىلىقىدىكى مۇھىم توپلانما رايونغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇزاق يېزىسى كەنتئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تۇرسۇنتوختى يۈسۈپ ئۆيىدىكى توشقان قەپىسى ئەتراپىدا ئالدىراش ئىدى، مۇخبىرلار ئۇنىڭ توشقانلارنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، سۇ، يەم بېرىۋاتقانلىقى، ماياقلىرىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«دەسلەپتە توشقان بېقىشنى ئانچە بىلمەيتتىم، توشقان قەپىسىمۇ ئۆلچەمسىز بولۇپ ياخشى باقالمىغانىدىم. تېخنىكنىڭ ياردىمىدە توشقانلار بارغانسېرى ياخشى چوڭىيىۋاتىدۇ.» بۇلتۇر 5 - ئايدا، تۇرسۇنتوختى توشقان بېقىشقا باشلىدى، شۇ يىلى 9 - ئايدا 1 - تۈركۈمدە توشقانلارنى قەپەستىن چىقىرىپ ساتقاندىن كېيىن، ھەر ئايدا كىرىمى بار بولدى، ھازىرغىچە 13 تۈركۈم توشقاننى قەپەستىن چىقىرىپ سېتىپ، 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى.

«بۇ يىل، مەن ئوغلۇمغا 1200 نەسىللىك توشقان باققۇزدۇم، بۇ توشقانلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك باققۇزۇۋاتىمىز، ئوغلۇم ئۆگىنىش ئارقىلىق تېخنىكقا ئايلاندى. توشقان باقساق پايدا تەقسىملەپ بېرىدۇ، تېخنىك بولسا يەنە مائاشى بار.» توشقان بېقىش ئارقىلىق تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېيىش ئىشەنچى كۈچەيدى، ئۇلار ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بارغانسېرى تېز ماڭماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ