تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شىنيەن): بۇغداي ئورمىسى مەزگىلى يېتىپ كەلدى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 111 مىڭ 400 مو يەردىكى بۇغداي پىشىش مەزگىلىگە كىردى، دېھقانلار ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ ئورمىنى باشلىدى.
7-ئاينىڭ 3-كۈنى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى يېشىل تەرەققىيات شىركىتى تېرىغان بۇغدايلىقتا، بۇغدايلار دولقۇنلىنىپ، ھەممە يەر ئالتۇن رەڭگە پۈركەندى، كومبايىندا بۇغدايلار ئورۇلۇشقا باشلىدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئوبلاستنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى(ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى) بۇغداي بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى بالدۇر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن باھا سىياسىتىنى ئىگىلەپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئوبلاست ئىچى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بۇغداي بازىرىنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، ئاشلىق يېڭى باھاسىنى مۆلچەرلىدى؛ بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئامبارنى بىكارلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشىلاپ، مەبلەغ غەملەشنى كۈچەيتتى؛ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچ بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ بىخەتەرلىك» مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى، ئوبلاست بويىچە(بىڭتۇەن 5-شىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەخمىنەن 170 مىڭ مو يەرگە بۇغداي تېرىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 70 مىڭ توننىغا، ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان تاۋار مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 55 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى بىلەن تەڭلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.