تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ___ زىلولەن مەركىزىي ئاشخانىسى ماجياجۇاڭزى كەنتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئىشچىلار مەركىزىي ئاشخانىدا خۇاجەر پىشۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر دۇ دۇڭلىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ماجياجۇاڭزى كەنتىدە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى __ زىلولەن مەركىزىي ئاشخانىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تۈرنىڭ زاۋۇت رايونى كۆلىمى 1290 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، «مەركىزىي زاۋۇت + يەتكۈزۈش» ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ۋە «ئالدىدا دۇكان، كەينىدە زاۋۇت، ئىچكى قىسىمدا سېتىش، سىرتقا يەتكۈزۈش» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كۈنىگە 100 مىڭ موما، مانتا قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىك، 5000 يۈرۈش يۈرۈشلۈك تاماق ئىشلەپچىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ دۇكان ساياھەتچىلەرگە ۋە شۇ جايدىكى ئاممىغا مەھسۇلاتلارنى بىۋاسىتە ساتتى. كەلگۈسىدە، زىلولەن مەركىزىي ئاشخانىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ.

  ماجياجۇاڭزا كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 131 ئائىلە، 512 ئادەم بار، 2015-يىلى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇلغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، زىلولەن مەركىزىي ئاشخانىسى «كەسىپنى تىرەك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش» تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان تۈرلەرنى ھەل قىلدى. بۇ تۈرلەرگە پىلان بويىچە زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە 63 كۈن سەرپ قىلىندى، نۆۋەتتە ماجياجۇاڭزى كەنتىدىكى 26 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كەلگۈسىدە يەنە بۇ كەنتتىكى 30غا يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

ئىشچىلار مەركىزىي ئاشخانىدا ئالدىراش بولماقتا.

ئىشچىلار مەركىزىي ئاشخانىدا موما پىشۇرماقتا.

ئىشچىلار مەركىزىي ئاشخانىدا خۇاجەر پىشۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى