تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرغىڭىز بارمۇ

  قايسى ئوزۇقلۇق ماددىلار قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؟

  1. ئاقسىل: ئاقسىل ئانتىتېلا ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم تەركىبتۇر. بىر قىسىم ئاقسىللار ئادەم بەدىنىگە تايىنىپ ئۆزلۈكىدىن بىرىكىدۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى «يېيىش» ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. يېتەرلىك مىقداردىكى ئاقسىلنى قوبۇل قىلغاندىلا، بەدەن ئاندىن ئادەم بەدىنى ئېھتىياجىلىق بولغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ئانتىتېلانى قۇراشتۇرالايدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  2. ۋىتامىن، تۆمۈر، سىنك، مىس، سېلېن قاتارلىقلار تەركىبى ئاز، ئېنېرگىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مىكرو ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  3. پايدىلىق باكتېرىيەلەر: كىشىلەر ئۈچەي يولىنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر ساغلام بولسا، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

  ئىلمىي ئوزۇقلىنىشتا، يېمەك-ئىچمەكلەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كېرەك؟

  1. كۈندە 13 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك يېيىش. يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنىڭ مۇھىم ئامىلىدۇر، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ساغلاملىقتا ئىنتايىن مۇھىم.

   2. تۆت چوڭ تۈردىكى يېمەكلىكنى يېيىش. مەسىلەن، دانلىق زىرائەت-تېرىق تۈرىدىكىلەر(ئاشلىق تۈرىدىكىلەر)، كۆكتات، مېۋە-چېۋە تۈرىدىكىلەر، گۆش، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق، ياغ تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلار.

   3. كۈندە 3 ~ 6 سەر ياكى 3 ~ 7 سەر ئاساسلىق يېمەكلىك، بىر جىڭ كۆكتات، 1 ~ 2 تال مېۋە، بىر تال تۇخۇم، بىر خالتا سۈت ياكى بىر ئىستاكان قېتىق، ئىككى سەر ئەتراپىدا قارا گۆش ۋە ئىككى قوشۇق ياغ ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەر غىزالىنىشتىكى تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرىدۇ. 

   ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئوزۇقلۇق مەسىلىسىنى دورا ئارقىلىق ھەل قىلىش ھاجەتسىزدۇر. ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىش نوقۇل ھالدا دورا ئارقىلىق قوبۇل قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قايتىپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى «ياردەمچى» قاتارىدا ئىشلىتىش، يېتەكچى قىلىۋالماسلىق كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ