تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈش

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايوندىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا تاۋلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بەردى، بۇ، باش شۇجىنىڭ كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، بۇ، جەزمەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

قاراماي شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان بىر قەھرىمان شەھەر. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نېفىتچىلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە، «ھەممە يەردە ياپيېشىل دەرەخ، ئېگىز بىنا، قىزىل بايراق» بولۇشتەك ئىجادىي ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۈگۈنكى جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقى دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد قارامايلىقلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا مەدھىيە ئوقۇغانلىق ۋە ۋارىسلىق قىلغانلىق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۈكسەك كىشىلىك ھايات قىممەت ئىنتىلىشىنى جۇلالاندۇردى. كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش جانلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ياشلىق باھار ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

«ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ». ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش ھەر مىللەت ياشلىرىنى تاۋلىدى، ئۆسۈپ يېتىلدۈردى. ياشلار ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدى، زىممىسىگە ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن. كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك؛ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياراملىق، ئىستېداتلىق كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك؛ پۇختا قەدەم ئېلىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ غايىلىك، بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك؛ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنى ئۆمۈرلۈك ئېتىقادى قىلىپ، توغراققا ئوخشاش ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيىدىغان، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرىدىغان، چېگرا رايوننى قوغدايدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك.

شىنجاڭ تارىخى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش تارىخىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى جەزمەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ، بولۇپمۇ كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى غايە - ئېتىقاد مەنىۋىيىتىنى پۇختىلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، چېگرا رايوندىن ئىبارەت بۇ «چوڭ پېچ»تا تاۋلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىن ئىبارەت بۇ <بىلەي تاش>تا چېنىقىپ، ۋەتىنىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ