ليۇجى ئالاھىدە رايونى لاڭدەي بازىرى خۇاجياۋ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ئۆيلىرىنىڭ ھاللىق سەۋىيە كۆكتاتلىقىغا رېشاتكا ياسىماقتا(7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 5-ئايدىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكىسى ليۇپەنشۇي شەھىرى ليۇجى ئالاھىدە رايونى پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، «ھەممە ئائىلىدە ھاللىق سەۋىيە كۆكتاتلىقى بولۇش» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. ھازىرغا قەدەر، ليۇجى ئالاھىدە رايونىدا 24 مىڭ 400 ئائىلىدە ھاللىق سەۋىيە كۆكتاتلىقى بەرپا قىلىندى.(تاۋ لياڭ فوتوسى)