يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىدا 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ قاناس ساياھەت لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمى بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتكەن قاناس ساياھەت لىنىيەسىدە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ G54795/96 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچىدىكەن، ھەر ھەپتىنىڭ 1-، 3-، 5-كۈنلىرى ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، شىخەنزىدىن ئۆتۈپ قاناسقا بارىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە G54795 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 9دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 10دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىگە يېتىپ كېلىدىكەن، سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە قاناسقا يېتىپ كېلىدىكەن؛ نۆۋەتچى G54796 ئايروپىلان سائەت 13 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قاناستىن ئۇچۇپ، سائەت 14 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىگە يېتىپ بارىدىكەن، سائەت 15تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە شىخەنزىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17دىن 00 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدىكەن.
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى ( ئىختىيارىي مۇخبىر كاڭ لىجۇ، ليۇ ۋېيشېڭ خەۋىرى)