تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نىلقىدىكى 600دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە سۇ ئۈستىدە بېيىدى

سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىگە تايىنىپ

نىلقىدىكى 600دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە سۇ ئۈستىدە بېيىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، گې يوۋجۈن، ۋاڭ جېن، لۈ يىخەن، جاڭ ئاۋ

ئوسبان ئارالباي نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسىنىڭ كىچىك قارا سۇ كەنتىدىكى تيەنيۈن سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدا تور تاشلاپ بېلىق تۇتماقتا. (6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تارتىلغان)

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قارا سۇ يېزىسى كىچىك قارا سۇ كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى تىپتىنچ ئىدى.

باقمىچىلىق بازىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئوسبان ئارالباي يەمنى قولىغا ئېلىپ ئاستا چېچىشىغا، سۇ ئاستىدا ئۈزۈپ يۈرگەن سەنۋېن بېلىقلىرى توپ - توپ بولۇپ سۇ ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ يەم تالىشىپ، ئاق رەڭلىك بۇژغۇنلارنى چاچراتتى، سۇ ئۈستى شۇ ھامان قىزىپ كەتتى.

«سەنۋېن بېلىقى سوغۇق سۇ بېلىقى، بېلىق تۇتۇشتىن بۇرۇن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش كۆلچىكىدە بىردىن ئىككى سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەتكەندىلا، ئاندىن بېلىقنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بېلىق تۇتقاندا يەنە تورنى بەك كۈچەپ يىغىۋېلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئەكس تەسىر قىلىش كۈچى پەيدا بولۇپ، ئادەمنى سۇغا سۆرەپ چۈشىدۇ...» ئوسبان بىر تەرەپتىن بېلىققا يەم بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي «بېلىق بېقىش دەستۇرى»نى سۆزلەپ كەتتى. ئىلگىرى قامچا تۇتقان بۇ چارۋىچى ھازىر پىشقان بېلىقچىغا ئايلاندى.

2014 - يىلى ئوسبان تېخى قارا سۇ يېزىسىنىڭ جار توغان كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، قوي بېقىشقا تايىنىپ ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. تالا - تۈزدە غىزالىنىپ، يېتىپ - قوپۇپ، بىر يىل جاپا تارتسىمۇ ئارانلا ئون نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتى.

«ئۇ چاغلاردىكى كۈنلەر جاپالىق ئىدى، سىرتقا چىقىپ مال باققاندا قويلارنى يىتتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئۇدا ئون نەچچە سائەت كۆز يۇممايتتىم. بالىلارغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىشكىمۇ كۆزۈم قىيمايتتى» دېدى ئوسبان ئەسلەپ.

دەل شۇ يىلى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقانلىقى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىل بويى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى، سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنىڭ ئۆسۈشى، كۆپىيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى كۆرگەن تيەنيۈن شىركىتى كىچىك قارا سۇ كەنتىگە مەبلەغ سېلىپ، سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى قۇردى.

نىلقا ناھىيەسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم تۇتقا بولغان «ھۆكۈمەت + باشلامچى كارخانا + نامرات ئائىلە» نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2017 - يىلى تيەنيۈن شىركىتى شىنجاڭ يۈشۈيچىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، ئەمگەك - مۇلازىمەتنى بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش، بېلىقچىلار ئارامگاھى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

تيەنيۈن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شيۇنىڭ قارىشىچە، نامرات دېھقان - چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، كەسىپ تۈرى بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، نامرات ئاممىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك ئىكەن. «بىر ئېغىز گەپ، ئۇ بولسىمۇ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» دېدى جاڭ شيۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ شىركەت قارا سۇ يېزىسىدىكى 609 نامرات ئائىلىنى ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن پاي قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى، ھەر يىلى %10لىك نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىملەشكە قاتناشتۇردى. پاي قوشقان 609 نامرات ئائىلىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوسبانمۇ 10 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن پاي قوشۇپ، شىركەتنىڭ پايچىكىغا ئايلاندى. باشقىلارغا ئىشلەشتىن ئۆزىگە ئىشلەشكە ئۆتكەچكە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ناھايىتى تېزلا قوزغىتىلدى. ئۇلارنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، مۇقىم پايدا تەقسىملەشتىن باشقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، ئەمگەك ھەققى ۋە پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت قوش پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان بولدى.

ئوسبان چارۋىچىدىن بېلىقچىغا ئۆزگىرىشتەك سالاھىيىتىنى ئالماشتۇرۇشتا قىلچە ئىككىلەنمىدى. «تاغدىكى ئوت - چۆپلەر بارغانسېرى شالاڭلاپ كېتىۋاتىدۇ، ئەگەر بىر ئۆمۈر چارۋا بېقىپ، يېشىل تاغنى تاقىر تاغقا ئايلاندۇرۇپ قويساق، ئەۋلادلىرىمىز نېمە يەيدۇ؟»

پاي قوشۇشنىڭ قانداقلا بولسۇن بەلگىلىك خەۋپ - خەتىرى بار، دەسلەپتە، ئوسبانمۇ 10 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. «شىركەت پاي قوشۇش ۋاقتى ئۈچ يىلغا توشقان ۋە بەش يىلغا توشقاندا ئەسلىدىكى قىممەتنى تاللاپ چېكىنىپ چىقىشقا ئىككى قېتىم پۇرسەت بارلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.» زىيان تارتماي مۇقىم پايدا ئالىدىغان بۇنداق ياخشى ئىشتىن ئوسباننىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.

باقمىچىلىق بازىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئوسبان ھەر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى. 2017 - يىلى 11 - ئايدا، 2019 - يىلى 6 - ئايدا، شىركەت 609 نامرات ئائىلىگە جەمئىي 3 مىليون 654 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەپ بەردى، ئوسبانغا 6000 يۈەن تەقسىملەپ بېرىلدى. بۇنداق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مەنپەئەت باغلاش مېخانىزمى كارخانا بىلەن نامرات ئائىلىلەرنى زىچ باغلاپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2018 - يىلى، قاراسۇ يېزىسى نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئوسبانمۇ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. خىزمەت قىلغىنىغا ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ئوسبان شىركەت مۇكاپاتلاپ بەرگەن 105 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېرىشتى، بۇ ئۇنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈردى.

«يېڭى ئۆيۈم ناھىيە بازىرىدا، مەن كېلەر يىلى بالام باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۆچۈپ بېرىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.» سائەت 17:00 ئەتراپىدا، ئوسبان بېلىقچىلار بىلەن بىللە بېلىق تورىنى يىغدى، سەنۋېن بېلىقلىرى بېلىق تورىدا پىلتىڭلاپ سەكرەيتتى، بېلىقچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

ئالتە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تيەنيۈن شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېتىشتۈرۈش، بېقىش، پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى، «ئالاقە تورى +» قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان يېشىل ئېكولوگىيە كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، قارا سۇ يېزىسىمۇ كۆلنى ئايلىنىش ساياھەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزدى. ئوسبان مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنىڭ ئائىلەمدەك نۇرغۇن نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ «ئالتۇن تاۋىقى»غا ئىگە قىلدى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

مۇزلىتىلغان سەنۋېن بېلىقىنى سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا قاچىلاپ، كېچىك كېمىسىگە ئېلىپ چىققاندا گۇگۇم چۈشتى. قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان كېمىلەر قاش دەرياسىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندا، ئوسبان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاياجان بىلەن سۈرەتلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 609 نامرات ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا بولماستىن بەلكى يېڭى تۇرمۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى