7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرىدىكى بىر مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىشچىلار كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى لۇەنجوۋ شەھىرى رايون يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاسلىقىنى مەۋقە قىلىپ، كۆكتات مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، كەسپلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش، زاكاز بويىچە يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆكتات مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە، لۇەنجوۋ شەھىرى ھەر يىلى ئۆز جايى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى 50 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەپ، 800دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى موۋ يۈ فوتوسى
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرىدىكى بىر مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىشچى كۆكتاتلارنى سۇغۇرماقتا.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرىدىكى بىر مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىشچىلار كۆكتات مايسىسىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لۇەنجوۋ شەھىرى شياۋماجۇاڭ بازىرىدىكى بىر كۆكتات پارنىكىدا دېھقان شوخلا مايسىسىنى پەرۋىش قىلماقتا.