تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«قۇملۇق كېمىسى» چارۋىچىلار ئائىلىسىنى بېيىتتى

ئالتاي ۋىلايىتىدە 44 مىڭ 800 تۇياق تۆگە بېقىلدى

«قۇملۇق كېمىسى» چارۋىچىلار ئائىلىسىنى بېيىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يۇۋجۈن، جاۋ چۇنخۇا، ۋاڭ جېن، جاڭ ئاۋ، لۈي يىخەن

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ۋەنتويۈەن باغچىسىدا، چارۋىچى مىرامبېك ئايتېكە (سولدا) تۆگە سۈتى سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى دىيى كەنتىدە چارۋىچى مانات نۇردانبېك ئۆزىنىڭ سۈت تۆگىلىرىگە بوغۇز بېرىۋاتاتتى؛ دەل مۇشۇ پەيتتە، بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىدىكى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابىدا، گۇرۇھنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ چۈەنئەن ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن بىر تۈركۈم سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالماقتا ئىدى.

«ئوخشاشلا تۆگە بېقىش بولسىمۇ، ئىلگىرى تۆگە بېقىش بىز چارۋىچىلارنىڭ تۆت پەسىلدە ئوتلاق كۆچۈشتىكى قاتناش قورالىنى ھەل قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىدى، ھازىر ئۇ بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىمىزدىكى <پۇل ئېلىش ماشىنىسى> بولۇپ قالدى، بىز تۆگە ھەيدەپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىمىز!» دېدى مانات. سىياسەت مەدىتى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۆگىچىلىك كەسپى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ئىلگىرىكى قاتناش قورالى بولغان «قۇملۇق كېمىسى»نىڭ قىممىتى تېز ئۆرلەپ، چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى «بېيىش كېمىسى»گە ئايلاندى.

«ئۈچ نۆل ئەندىزىسى» ئارقىلىق دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش

مانات دىيى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىدى. «بېيىشنى ئويلىغان بولساقمۇ چىقىش يولىمىز يوق ئىدى، بۇ، مەن ۋە كەنتتىكى ناھايىتى كۆپ نامرات ئاھالە ئىلگىرى دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىدى» دېدى مانات.

2007 - يىلى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنى كىرگۈزۈپ، تۆگە يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى نامرات چارۋىچىلارنى تۆگە بېقىشقا يېتەكلىدى.

باشلامچىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ تۆگە بېقىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بىراق نامرات چارۋىچىلارنىڭ تۆگە سېتىۋالىدىغان پۇلى قەيەردىن كېلىدۇ؟

«مەۋقەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قويۇپ، بىز تۆگىچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ <ئۈچ نۆل ئەندىزىسى>نى يولغا قويدۇق. چارۋىچىلارنى تۆگە باقمىچىلىقىدا نۆل تەننەرخ سېلىنمىسى، نۆل تىجارەت خەۋپ - خەتىرى، نۆل ئارىلىقتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۈ چۈەنئەن مۇنداق دېدى: باقمىچىلىق ئائىلىلىرى تۆگە سېتىۋالغاندا، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى قەرز پۇل كېپىللىكى ياكى ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى، تۆگە سۈتىنى زاكاز قىلىش تىپىدا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، زاكازنى تاماملىغان چارۋىچىلارغا يىل ئاخىرىسىدا بىرتۇتاش ئۆلچەم بويىچە مۇكاپات بەردى.

نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ مەدىتى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، مانات تۆگە باقمىچىلىقى سېپىگە قوشۇلدى.

«بىر سۈت تۆگىسىدىن بىر كۈندە ئۈچ كىلوگىرام تۆگە سۈتى ئالغىلى بولىدۇ، بىر يىلدا سەككىز ئاي تۆگە سۈتى ئالغىلى بولىدۇ، بىر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنى سېتىۋېلىش باھاسى 40 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغىلى بولىدۇ» دېدى مانات ئۆزىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىپ.

1 - تۈركۈمدە ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنى سۈت بىلەن تەمىنلىگۈچى چارۋىچى بولۇش سۈپىتىدە، بېقىۋاتقان تۆگە سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مانات تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇردى، ھازىر، كوپىراتىپ ئەزالىرىدىن 16 ئائىلە، 1000 تۇياقتىن ئارتۇق تۆگە بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ ئۆزى بېقىۋاتقان تۆگە 200 تۇياق بولۇپ، ھەر ئايلىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

«باشلامچى كارخانا + پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى + باقمىچىلىق بازىسى + باقمىچىلىق ئائىلىسى»دىن ئىبارەت مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئارقىلىق، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تۆگىچىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ تولۇق قاپلاش شەكلىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە بېقىلىۋاتقان تۆگە ئون يىل ئىلگىرىكى 3000 تۇياقتىن كۆپرەكتىن، تەرەققىي قىلىپ 23 مىڭ تۇياققا يەتتى، تۆگە باقىدىغان ئائىلە تەرەققىي قىلىپ 630دىن كۆپرەك ئائىلىگە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۆگىدىن ئىبارەت بۇ «بېيىش كېمىسى»گە ئولتۇرۇش، مانات ۋە نۇرغۇن نامرات چارۋىچىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. «بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا مەن يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغانىدىم، يەنە بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىدا بىنا ئۆي ۋە كوچا بويىدىن دۇكان سېتىۋالدىم، بىر ئائىلە كىشىلىرى شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى مانات.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

تۆگىچىلىك كەسپىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا قاراپ ماڭغانلار يالغۇز بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارلا ئەمەس.

2019 - يىلى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ شالشىقاي يېزىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىر زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچە رايونى «ۋەنتويۈەن» چۆللۈكتە قەد كۆتۈردى.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ شالشىقاي يېزىسى دالىڭخايشى كەنتىدىكى چارۋىچى مىرامبېك ئايتىكە ئەر - خوتۇن ئادەتتىكىگە ئوخشاش ۋەنتويۈەندە تۆگىلىرىنى سېغىۋاتاتتى. «كىرىمىمىز ئاشتى، كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى» دېدى مىرامبېك.

2019 - يىلى 6 - ئايدا، جېمىنەي ناھىيەسى ۋاڭيۈەن گۇرۇھىنىڭ تۆگىچىلىك كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ۋەنتويۈەن كەسىپلەر باغچىسىنى بەرپا قىلدى، مىرامبېك ئەر - خوتۇن ۋە ئوغلى ۋەنتويۈەننىڭ خادىمىغا ئايلاندى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«ۋەنتويۈەننىڭ پىلاندىكى ئىگىلىگەن يېرى 400 مىڭ مو بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى تۆگە باقمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىدۇ. بېقىلىۋاتقان تۆگە سانىنى 10 مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈپ، ھەم باقمىچىلىق، يەم - خەشەك تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، ھەم ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۆپ خىل كەسىپتىن كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن ۋەنتويۈەن چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما يىڭجۈن تونۇشتۇرۇپ.

نۆۋەتتە، باغچىدىكى بېقىلىۋاتقان تۆگە سانى 1530 تۇياققا يەتتى، شۇ جايدىكى 1026 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچى ئوتلاق ئىجارىگە بېرىش، باغچە رايونىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش، پاي قوشۇپ تەقسىملەنگەن پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى 1000دىن ئارتۇق ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمىنىڭ 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

تۆگىچىلىك كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۆگىنىڭ سانىمۇ ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى 5000 تۇياققا يەتمەسلىكتىن، تەرەققىي قىلىپ نۆۋەتتىكى 44 مىڭ 800 تۇياققا يېتىپ، نەچچە مىڭ ئائىلىلىك نامرات چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، نامرات چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زەنجىرىمۇ ئۇزارماقتا.

قابا ناھىيەسىدىكى ياجۈ چۇاڭفۇ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك تۆگە تىۋىتى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق، چەت ئەللەردە نامى چىققان كەسپىي تۆگە تىۋىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرىگە ئايلاندى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى يۈمېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، شىركەت شۇ جايدىن 119 خادىمنى قوبۇل قىلغان. شىركەت مەنپەئەتنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ھەم ئەتراپتىكى 5700دىن ئارتۇق ئائىلىلىك باقمىچىلىق ئائىلىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تۆگە تىۋىتى بايلىقىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان.

تۆگە ھەيدەپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش

«ئىلگىرى تۆگە باققانلار ئاساسىي جەھەتتىن نامرات ئائىلىلەر ئىدى، ھازىر تۆگە باققانلار ئاساسىي جەھەتتىن باي ئائىلىلەر.» 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شۈ چۈەنئەن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ھازىر تۆگە بېقىش «بايلىق ئىلاھى»نى بېقىش ھېسابلىنىدۇ، ئازراق كۆلەمگە ئىگە باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسى باي ئائىلىگە ئايلاندى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭ كەيجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى تۆگىچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان، ۋىلايەت يەنە تۆگىچىلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە بېقىلىدىغان تۆگە سانىنى 100 مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.

«كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا، چارۋىچىلارنىڭ بازار ئېڭى، ئالغا ئىنتىلىش روھىمۇ تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولدى» دېدى شۈ چۈەنئەن.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى تاڭبالى كەنتىدىكى چارۋىچى ئۆرلەۋ بىر ئائىلىلىك يەنىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئائىلىسى 30 نەچچە تۇياق تۆگە باقتى، يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بۇلتۇر ۋاڭيۈەن گۇرۇھى ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 باقمىچىنى بېيجىڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى.

«بىزنىڭ تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىسىغا تىزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن كۆڭلۈمدە ئىنتايىن پەخىرلەندىم» دېدى ئۆرلەۋ.

تۆگىگە مىنىپ ئوتلاق كۆچۈشتىن، تۆگە ھەيدەپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، چارۋىچىلار پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۆرلەۋ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئىچكىرى رايونلاردا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈشتە بولغاندا، دەل بىر سەپەرداش چارۋىچىنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇغۇتىغا توغرا كەپ قالدى، بۇ چارۋىچى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىغا «بېيجىڭبېك» دەپ ئىسىم قويدى، بۇنىڭ مەنىسى بۈگۈنكى ياخشى كۈنلەرنى پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاش!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ