7-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭچۈن داجۇڭ جويۆ ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپچىسى ليۇ جىڭ (ئالدى تەرەپ سولدا) مۇسابىقىسىدە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، چاڭچۈن داجۇڭ جويۆ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسابىقىنى مەشىق ئورنىغا دەسسىتىپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى مەملىكەتلىك ئاياللار پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پۇتبول تىركىشىش مۇسابىقىسىدە، چاڭچۈن داجۇڭ جويۆ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن چاڭچۈن ياتەي U16 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن خۇڭ فوتوسى)