7-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىڭداۋ گوشىن تەنتەربىيە سارىيىدا، شەندۇڭ شىۋاڭ كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى مەيدانغا ماسلىشىش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، CBA مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى مۇسابىقىسى ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسى چىڭداۋ گوشىن تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ زۇەنشى تەنتەربىيە سارىيى (لاۋشەن تېغى مۇسابىقە رايونى) ۋە چىڭداۋ شەھەر ئاھالىلىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە سارىيى (خوڭداۋ ئارىلى مۇسابىقە رايونى)دا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، ھەرقايسى كوماندىلارمۇ پىلان بويىچە مەيدانغا ماسلىشىش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى)