7-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو 1-كوماندىسىدىكى ماھىر جاڭ شىنيەن مۇسابىقىدە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، نەنجىڭدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسى فاڭشەن تەنتەربىيە مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقيا ئېتىش تۈرى دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەقلىدىي مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار تەتۈر ئەگمە يا يەككە كىشىلىك مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو 1-كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ شىنيەن ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە، دۆلەت كوماندىسىدىن باشقا يەنە جياڭسۇ، شاڭخەي، جېجياڭ، شەندۇڭ، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك كوماندىلار تاللىنىپ قاتناشتۇرۇلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ لېي فوتوسى