تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى)يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملىق نوپۇسى(2020-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كۆچۈپ كىرگەن)ىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ رايون تەۋەلىكى بويىچە مەكتەپكە كىرىدۇ، باشلىنىش يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنى كومپيۇتېردا بىر تۇتاش بەلگىلىنىپ، سىنىپقا تەكشى ئايرىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساسىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە مەمۇرىي رايون بويىچە مەشغۇلات قىلىنىدۇ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر پىرىنسىپ جەھەتتە باشقا مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى نوپۇسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلمايدۇ، مەكتەپ رايونىنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسىي مەكتەپ رايون تەۋەلىكى ئاساسىدا مەكتەپ رايونىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق ئەمەلىي قوبۇل قىلىش مەكتەپ رايونىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دائىملىق نوپۇس(2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن كۆچۈپ كىرگەن)تىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نوپۇس تەۋەلىكى ۋە ئەمەلىي تۇرۇشلۇق جايىنى ئاساس قىلىدۇ، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىغانلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ رايون تەۋەلىكى بويىچە تەقسىملەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

  1. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسى بىلەن بىر نوپۇستا بولسا، ئائىلە باشلىقى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسى بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسىنىڭ ئەمەلىي تۇرۇشلۇق ئورنى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى(ياكى ئۆي سېتىۋېلىش كېلىشىمى، ئۆي-جاي تارمىقى چىقىرىپ بەرگەن ئۆي-جاي ئىسپاتى)دىكى ئادرېس ۋە نوپۇس بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. ئۈچ يىل ئىچىدە ئوخشاش بىر نوپۇس ۋە تۇرۇشلۇق ئادرېستا پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچى(سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆپ پەرزەنتلەر بۇنىڭ سىرتىدا) بۇ ئوقۇتۇش رايونىدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  2. ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە تۇرىدىغانلار شەھەرلىك ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېتىراپ قىلغان ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجارە توختامى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، ئىجارىگە ئالغان ئۆي باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسىنىڭ بىردىنبىر تۇرۇشلۇق جايى بولۇشى كېرەك.

  3. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسىنىڭ تۇرالغۇسى يوق بولۇپ، بوۋا-مومىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بولسا، نوپۇستا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىللە تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇشى، كۆچۈپ كىرىش-چىقىش خاتىرىسى بولماسلىقى كېرەك. شۇ تۇرۇشلۇق ئادرېس باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ۋەسىيسىنىڭ بىردىنبىر تۇرۇشلۇق جايى بولۇشى ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات چىقىرىلىشى كېرەك.

  سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنى رايون(ناھىيە)لۇق مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى يېقىن ئەتراپتا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ بەلگىلەنگەن مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  2020-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئەمەسلەر 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن نوپۇس دەپتىرى(ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى) ۋە ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى(مەھەللە تىزىملىغان ئۆي ئىجارە توختامى)نى ئېلىپ، قاراشلىق رايون(ناھىيە)دىكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا بېرىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ