تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭى تۇرالغۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى تۇرمۇش

«يېڭى» دەريا بويىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ چىقتى

يېڭى تۇرالغۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى تۇرمۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جىڭ بو، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن بىر كۆرۈنۈش (6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى ئاھالىلەر يېڭى نۇقتىسىدىكى سۆكسۆك، توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزىدا، كەنت ئاھالىسى ئالىمجان ئەلى قوشنىسى بىلەن بىللە باش ئەتىيازدا تېرىغان سۆكسۆكنى باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشنى ئارزۇ قىلدى.

قاتار - قاتار كۆكۈچ كۈل رەڭ ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنالار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشىكتىن چىقسىلا تۈپتۈز ئاسفالت يول ئىدى، تازىلانغان تۇرۇبا سۈيى ھەربىر ئائىلىگە تۇتاشتۇرۇلغان، يېڭى مەكتەپ، يېزىلىق شىپاخانا، يولۇچى توشۇش بېكىتى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەر يېپيېڭى، تولۇق ئىدى... «يېڭى» دەريا بويىنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

يېڭى ئۆيلەر چىرايلىق تۇرمۇش شېرىن

خېمىر يۇغۇرۇش، گۆش توغراش، كۆكتات يۇيۇشتىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ بىللە چۈشلۈك تاماق لەڭمەندىن بەھرىمەن بولغۇچە، چولپانخان مەتروزىنىڭ سەرپ قىلغان ۋاقتى بىر سائەتكىمۇ يەتمىدى، «توك، سۇ، گاز ئۇلانغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، مەززىلىك تاماقلارنى ھەر ۋاقىت ئېتىپ يېيەلەيدىغان بولدۇق، ئىلگىرى يېرىم كۈن ئاۋارە بولاتتۇق» دېدى ئۇ.

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى، چولپانخاننىڭ ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 114 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ئاتا - بوۋىلىرى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن قۇملۇقنىڭ 200 نەچچە كىلومېتىر ئىچكىرىسىدىكى كىندىك رايوندىكى كونا تۇرالغۇسىدىن ناھىيە بازىرىغا 91 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈشنى تاماملاپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«تۇرۇبا سۈيى بەك تاتلىق ئىكەن» دېگەن سۆز چولپانخاننىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى بولۇپ، ھەر كۈنى سۇ تۇرۇبىسىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان «تاتلىق سۇ»نى ئىشلەتكەندە، ئۇ ھەمىشە خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالاتتى. كونا تۇرالغۇدا ئاھالىلەر كۆپ ھاللاردا فىتور، شور تەركىبى يۇقىرى سۇ ئىچىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىگە پەقەتلا يەتمەيتتى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ شۇ جايدا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«شۇ چاغلاردا تۇرىدىغىنىمىز يۇلغۇن شاخلىرى ياكى قومۇشنى ئاددىيلا باغلاپ، نېپىز سۇۋاپ سېلىنغان <قوشاملىق ئۆي> ئىدى، ھەر يىلى يەتتە ئاي قۇم - بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلەتتى.» ئاھالە ھەجەرخان مەتيۈسۈپنىڭ ئۆيى ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەنىدى، «ھازىر ئۆيىمىز ھەم ئازادە، ھەم راھەت، يېقىلغۇ گاز، توكلۇق مۇنچىلارنىڭ ھەممىسى بار، تاماق ئېتىش، يۇيۇنۇش ناھايىتى قولايلىق».

«قۇملۇقتىن كۆچۈرۈلمىسە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇم - توزانغا ھەمراھ بولۇش، قىرتاق، شورلۇق سۇ ئىچىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش تەس. بولۇپمۇ مائارىپ، تۇرالغۇ، ئىچىدىغان سۇ، ئاساسىي داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش تەس» دېدى دەريا بويى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا سۇنپېڭ.

قىلىدىغان ئىش بار بولۇش تولۇق غەيرەتكە كېلىش

يېڭى كۆچۈپ كەلگەن چاغدا، 60 ياشلىق بەختىخان ئابدۇغېنى ھەم خۇشال بولدى، ھەم ئەندىشە قىلدى. خۇشال بولغىنى، ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار بولدى؛ ئەندىشە قىلغىنى، ئۆزىنىڭ تېنى ساغلام بولسىمۇ، لېكىن قىلىدىغان ئىش تاپالمىدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىناۋەتلىك قەرز مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، كەنت 420 مو يەر ئېچىپ سۆكسۆك، توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سۆكسۆك ھەم توشقانزەدىكى ئۇرۇقى كىرگۈزۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى+نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت كەسىپ بىرلەشمە گەۋدىسى ئەندىزىسى ئارقىلىق، 102 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بەختىخان ئائىلىسى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.

«مېنىڭ سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى، قىلىدىغان ئىش بولمىسا بىئارام بولۇپ كېتىمەن.» بەختىخان مۇنداق دېدى: «ئائىلەمدە تۆت جان بار، ھەربىر ئادەمگە ئىككى مو بويىچە ھېسابلىنىپ ئائىلىمىزگە سەككىز مو يەر تەقسىم قىلىندى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مو يەردىن 5000 يۈەن كىرىم قىلىدىكەنمىز، مەن غەيرەت بىلەن ئىشلىدىم».

توشقانزەدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىن توشقانزەدىكى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىقىغىچە، يەنە سۆكسۆك، توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسىغىچە، توشقانزەدىكى تېرىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش جەريانىدا، ئالىمجان بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە يۆنىلىشىنى تاپتى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، توشقانزەدىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، توشقانزەدىكىنىڭ يەردە سېسىپ كېتىش ئەھۋالى قايتا كۆرۈلمىدى، ئەڭ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يېڭىدىن تىككەن 420 مو سۆكسۆككە كېلەر يىلى توشقانزەدىكى ئۇلىغىلى بولىدۇ، مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ياخشى باشقۇرۇپ، بالدۇرراق ئۈنۈم يارىتىشنى قولغا كەلتۈرىمەن».

دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى جاۋ گاڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «توشقانزەدىكى بۇ يەردە تېرىشقا ماس كېلىدۇ، كارخانا بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە مۇقىم كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ».

ھازىرغا قەدەر، دەريا بويى يېزىسىدا 1000 مو سۆكسۆك تىكىلدى، كېيىنكى يىلى توشقانزەدىكى ئۇلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 70 توننىغا يېتىپ، كىرىم 4 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئېشىشى مۇمكىن.

بۈگۈنكى كۈندە، دەريا بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە، دۇكان، ئاشخانىلاردا، سۆكسۆك، توشقانزەدىكى تەجرىبە ئېتىزلىرىدا كىشىلەرنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ قولى بىلەن يېڭى يۇرت - ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقماقتا.

يېڭى كەسىپ پىلانلاش ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىش

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تۇرالغۇسىدا، مۇخبىرلار ھەربىر ئائىلىدە ئۆلچەملىك ياتاققا ئوخشايدىغان بىر ئۆي بارلىقىنى بايقىدى. 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇربانخان مەتروزى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پۇقراۋى قونالغۇ.

ئىككى يىل ئىلگىرى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن قۇربانخان بۈگۈنكى كۈندە قۇملۇق كۆزەتكۈچىسى سەھرا ساياھىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ قالدى.

«جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تىجارەت سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردۇق.» قۇربانخان 2019 - يىلى سەھرا ساياھىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. كەنت ئاھالىلىرىنى پۇقراۋى قونالغۇ ياتاقلىرىنى رەتلەشكە يېتەكلەش، پۇقراۋى قونالغۇ باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىتىش، دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق دەريا بويىنى تونۇشتۇرۇش... قۇربانخاننىڭ ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە دەريا بويىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى خاتىرىلەنگەن.

«مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن يۇرتداشلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە ياخشى غىزالىنىش، ياخشى تۇرۇش، ياخشى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن، شۇنداقلا يۇرتداشلارنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمەن.» قۇربانخان بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرنى باشلاپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى.

دەريا بويىدا قۇربانخانغا ئوخشاش ئوي - پىكرى، غەيرىتى بار ياشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا قۇچاق ئاچماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا، دەريا بويى يېزىسى يەنە خوتەن قويى باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، چارۋىچىلىق - باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خوتەن قويى باقمىچىلىق كۆلىمى 27 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 يۈەن ئاشىدىكەن.

«چارۋا باقمىچىلىقى، توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقى، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت <ئۈچ ئاتلىق ھارۋا>نىڭ تۈرتكىسىدە، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، قۇملۇقتىكى يېڭى ئائىلىلەرنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار» دېدى جيا سۇنپېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى