ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا مالاتاڭ تاللىماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياز كۈنلىرىدىكى ھەپتە ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئارام ئېلىپ مال سېتىۋالدى. 2018-يىلى، گۈزەللەشتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا يېڭىدىن تەخمىنەن 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىيادىلەر كوچىسى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت، مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تۈرى كوچا رايونى، خەلقئارا مودا كوچا رايونى ۋە چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى دەپ بۆلۈنىدۇ، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ساياھەت مەنزىللىرىنىڭ بىرى.
ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا تاۋار تاللاپ سېتىۋالماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا داپ سېتىۋالماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى