تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قومۇلنىڭ بوغاز يېزىسىدىكى 14 مىڭ 500 مو يەردىكى قوغۇننىڭ %90ى پىشىپ بازارغا سېلىندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ): سېرىق ۋە يېشىل رەڭلەر ئارىسىدىكى قوغۇنلۇقتا، قوغۇنچى دېھقان جاۋ خوڭيۇەن سىرتقى يۈزى تورلاشقان قوغۇنلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئېتىز بېشىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئاستا سالدى. «قالغان 30 مو يەردىكى قوغۇننىڭ ھەممىسى شاڭخەيگە توشۇلىدۇ، سودىگەرلەر زاكاز قىلىپ بولدى» دېدى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىدىكى قوغۇنچى دېھقان جاۋ خوڭيۇەن.

    بوغاز يېزىسىدا يېقىندا 14 مىڭ 500 مو يەردىكى قوغۇن پىشىپ بازارغا سېلىندى، 1100دىن ئارتۇق قوغۇنچى دېھقان مول ھوسۇل ئالدى. «6-ئاينىڭ 25-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، بوغاز يېزىسىنىڭ قوغۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە پىشىپ بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە %90 قوغۇنغا زاكاز كەلدى، ھازىر توشۇلۇشنى كۈتمەكتە» دېدى بوغاز يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن شۇەي.

    يېرىم ئاي ئىلگىرىلا، قوغۇن سېتىش مەسىلىسى قوغۇنچى دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى بىر غەم ئىدى.

    «بۇ يىل قوغۇننىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، دانىسى تۆت كىلوگىرامدىن ئاشتى. ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن سودىگەر نەق مەيدانغا كېلىپ قوغۇننى يىغىشقا ئامالسىز قالدى، مەن بىر مەھەل سېتىشتىن بەك ئەنسىرىدىم» دېدى قوغۇنچى دېھقان دۇڭ جيەن.

   بۇ يىل قوغۇن سېتىش مەسىلىسىنى ئويلاشقان بوغاز يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر پائال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوغاز يېزىسىدا قوغۇن پىشىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى تۇنجى قوغۇن كىمارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىمۇ ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىنىڭ قىزىلتاغ كەنتىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزى قوغۇننى دەرىجىگە ئايرىپ تاللاش، توردا سودىلىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىل قىلىپ قوللىنىشنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلاندى.

    «كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىمىز ئاساسلىقى قوغۇنلارنى دەرىجە بويىچە ئايرىيدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان باھادا سېتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلەندى. ھازىرغىچە، 208 مىڭ توننا ئەتراپىدا قوغۇن ساتتى» دېدى شىنجاڭ قوغۇن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن خەي.

   بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلارنىڭ قوغۇن سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىدىن قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىغا ياردەمگە كەلگەن 25 كادىر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ سېتىۋېلىشقا قاتناشتۇردى، يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ ساتتى، تۇنجى ئاپتوموبىلدىكى 60 مىڭ جىڭ قوغۇن خېنەنگە يەتكۈزۈلدى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ