تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىشىك ئالدىمىزدا «ئارزۇ زاۋۇتى» بار

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئەمەلىي مەشىق بازىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

ئىشىك ئالدىمىزدا «ئارزۇ زاۋۇتى» بار

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، پەرىزات ئابدۇل، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئىشچىلار ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات زاپچاسلىرىنى ياسىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا جايلاشقان بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ سېخىدا، ئايال ئىشچىلار بارماقلىرىنى چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تال - تال مىس سىملارنى تېز سۈرئەتتە سىم ئورامغا ئايلاندۇرۇۋاتاتتى. «تامىقىمىز ياخشى، كىرىمىمىز يۇقىرى، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمىز، بۇ يەردە خىزمەت قىلىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك» دېدى ئايال ئىشچى ھاۋانىسا ناسىر چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مۇخبىرغا كۈلۈپ تۇرۇپ. بۇ ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا ھازىر ئالتە كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، 465 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات نوپۇس 343 ئادەم ئىكەن. ئىلگىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىر زاۋۇتتىكى ماھىرلارغا ئايلاندى.

كىرىم ھەققىدە توختىلىش:

ئىككى قولغا تايىنىپ بەخت يارىتىش

«بەخت ئىككى قولغا تايىنىپ يارىتىلىدۇ.» 23 ياشلىق جاناقىز روزى ئىزچىل مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدە دېھقانچىلىق قىلدى، بارىن يېزىسى ئاچقان ئەمەلىي مەشىق بازىسى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزگىرىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

ئەمەلىي مەشىق بازىسى «كارخانا + دېھقان ئائىلىلىرى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، ئىشچى ئىشلىتىش مىقدارى كۆپ كارخانىلارنى يېزا - كەنتلەردە زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ ئېلېكتىرونلۇق پەن - تېخنىكا شىركىتىدە خىزمەت قىلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، جاناقىز ئىجتىھات بىلەن ئەستايىدىل ۋە تىرىشىپ ئىشلىگىنىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، ھازىر گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، مائاشىمۇ خېلى كۆپ ئۆستى.

«مەن ھازىر ئۆيدىكىلەردىن پۇل سورىمايدىغان بولدۇم، يەنە تېخى ئاتا - ئانامغا پۇل بېرەلەيمەن، ئۇلار ناھايىتى خۇشال.» جاناقىز كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىشلىسەم، توكسىكلىت بىلەن ئون نەچچە مىنۇتتىلا ئۆيگە بارالايمەن، ئاتا - ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ دەخلى يەتمەيدۇ. خىزمەت قىلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مەن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئامانەت قويدۇم، يەنە ئۆزۈمگە خېلى كۆپ زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە كىيىم - كېچەك سېتىۋالدىم».

ئاقتۇ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چىڭيۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن ناھىيەدە 22 نامراتلارنى يۆلەش سېخى بار، «باغچە رايونىدىكى زاۋۇت+تەۋەلىك رايونىدىكى زاۋۇت+كەنت قۇرغان زاۋۇت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلار كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارغانسېرى كۆپ نامرات ئامما «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى.

تەربىيەلىنىش ھەققىدە توختىلىش:

ئۆزىدە بىر ئارتۇقچىلىق يېتىشتۈرۈش

2017 - يىلى، ھۆرىگۈل تۇرسۇن ئائىلىسى يەنىلا بارىن يېزىسىنىڭ قورغان كەنتىدىكى نامرات ئائىلە ئىدى. ئەتراپتىكى قوشنىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ غورىگىل ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ سېتىۋالالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھۆرىگۈلنىڭ كۆڭلىدە تەن بەرگۈسى كەلمىدى. ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلغان نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن ھۆرىگۈل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈمىدىنى كۆردى، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي يېزىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تېخنىكا تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملىتىپ قاتناشتى.

دېھقانلار ئىشچىغا ئايلاندى، سېخ دەرسخانا بولدى. «ئىش ئورنىغا چىقىدىغان بارلىق ئىشچىنى ئاۋۋال يېرىم ئاي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەيمىز.» بارىن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى جاڭ بو مۇنداق دېدى: «بىر ئارتۇقچىلىقى بولسىلا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئاساسى بار بولىدۇ».

2019 - يىلى 7 - ئايدا، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغان ھۆرىگۈلنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئېشىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولدى. ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولغان ئۇ، ئائىلىسىدە «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى جارى قىلدۇردى. «مەن ئۆيگە كىرئالغۇ، تېلېۋىزور سېتىۋالدىم، يەنە ئاتا - ئانامغا پۇل بەردىم، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققىنى تاپشۇردۇم ... » ھۆرىگۈل بارماقلىرىنى پۈكۈپ ھېسابلاپ بەردى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا تېخىمۇ مۇقىم مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا(تېخنىكا مەكتەپلىرى) قاتارلىق تەربىيەلەش بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، كارخانا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش بىلەن تارقاق تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، زاپاس تىپتىكى خىزمەت تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش، كارخانا زاكاز قىلىش تىپىدىكى ئىش ئورنىنى بېكىتىپ تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش تىپىدىكى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان، بۇ يىل جەمئىي تەربىيەلەنگەن ئەمگەك كۈچى 13 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

تەرەققىياتنى كۆزلەش:

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش

«ئەتراپتىكى دوستلىرىم، قوشنىلىرىمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈندىن - كۈنگە روھلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇم كەلدى.» رۇقىيەم ياسىن بالدۇرلا كۆڭلىدە مۇشۇنداق ئىرادىگە كەلدى.

ئادەم نامرات بولسىمۇ ئىرادىسىنى يوقاتسا بولمايدۇ، نامراتلارنى يۆلەشتە جەزمەن ئاۋۋال ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. ئاقتۇ ناھىيەسى تۈرلۈك تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن، ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە سۆزلەش كۈچلىرىدىن كەڭ پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى، نامراتلارنى يۆلەش بىلىملىرى، نامراتلارنى ئازايتىش ھېكايىلىرىنى ئاممىغا سۆزلەپ بېرىپ، نامرات ئاممىنى ئىككى قولىغا تايىنىپ «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش»، «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش»كە يېتەكلىدى.

رۇقىيەمنىڭ ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆپ قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەشتە تەدرىجىي مۇستەھكەملەندى. 2019 - يىلى 8 - ئايدا زاۋۇتقا كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا نەچچە ئايدىلا پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى.

سىم ئوراش كۆپ مەشىق قىلغانسېرى ماھىرلىشىدىغان خىزمەت، «مەن ھازىر ھەر كۈنى دەسلەپ ئىشقا چۈشكەنگە قارىغاندا نەچچە ئون يۈەننى كۆپ تاپىمەن.» رۇقىيەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تىرىشىش ئارقىلىق، بەختلىك تۇرمۇشنى كۈرەش قىلىپ ياراتقىلى بولىدۇ».

نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن تارالغان كۈلكە سادالىرى ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، شۇنداقلا كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشتىن كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى