تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنتلەردە «يېڭىچە دېھقانلار» بارلىققا كەلدى

ئاقسۇدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى

يېزا - كەنتلەردە «يېڭىچە دېھقانلار» بارلىققا كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، پەرىزات ئابدۇل، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دۇكان تىجارىتى تاكتىكىسىنى مۇھاكىمە قىلماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

ھازىرقى شىنجاڭدا، ئۆرۈك، شاپتۇل، قوغۇن - تاۋۇزلارنىڭ «پىشىش مۇددىتى» تەتۈر تىزىلىپ، تەرتىپ بويىچە بازارغا سېلىنىپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تەرەپ - تەرەپكە تارالدى.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تاشتا كەنتىدىكى ئۆرۈكلەر پىشتى. كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئەخمەت تۇردى شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئالتۇندەك ساپسېرىق ئۆرۈكلەرنى دوۋيىن قىسقا سىنىغا ئالدى، گەرچە مەزمۇنى ئاددىي، ئىشلىنىشى ئانچە نەپىس بولمىسىمۇ، ئەمما ئاددىي ماركىتېڭ ۋە ئېكراندىن تارالغان مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تورداشلارنى بەس - بەستە زاكاز تالونى چۈشۈرۈشكە جەلپ قىلدى، قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈندە 100 توننىدىن كۆپرەك سېتىلدى.

يان تېلېفون «يېڭى دېھقانچىلىق قورالى»غا ئايلاندى، سانلىق مەلۇمات «يېڭى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى»غا ئايلاندى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش «يېڭى دېھقانچىلىق ئىشى»غا ئايلاندى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە بارغانسېرى كۆپ كىشى ئەخمەتكە ئوخشاش تور بىلەن ئۇچراشقان «يېڭىچە دېھقان»غا ئايلاندى.

كەنت ئاھالىلىرى «مال تونۇشتۇرغۇچى دىكتور»غا ئۆزگەردى

6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىرلار ئەخمەتنى كۆرگەندە، ئۇ بايىلا يان تېلېفونى ئارقىلىق بىر كىچىك سودىنى تاماملىغانىدى: سېتىۋالغۇچى بىلەن توردا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، بىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئون كىلوگىرام يەرلىك تۇخۇمى ۋە بەش كىلوگىرام جاڭدۇسىنى سېتىپ بېرىپ، 80 يۈەن پۇل تاپقانىدى. بۇلتۇر پونكىت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۇ كەنتتىكى ئەڭ تونۇلغان، ئەڭ غەيرەتلىك «مال تونۇشتۇرغۇچى دىكتور»غا ئايلاندى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئەخمەت تېخى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، ئائىلىسىدىكى ئالتە نوپۇس 6.8 مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. 2018 - يىلى كەنتنىڭ ياردىمىدە كىچىك دۇكان ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلەنمىگەن ئەخمەت ھەممىلا جايدا بېيىش سودا پۇرسىتى ئىزدىدى.

2019 - يىلى، ئەخمەت ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتى. تور بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇ تېزلا ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. «شۇ يىلى كەنتتىكى 150 ئائىلىلىك دېھقانغا ياردەملىشىپ 100 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق سېتىپ چىقاردىم، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 117 ئائىلە نامرات ئائىلە» دېدى ئەخمەت ئىپتىخارلانغان ھالدا.

«يان تېلېفون بولامدۇ، ئۈسكۈنە بولامدۇ، تېخىمۇ ياخشىسىنى سېتىۋالىمەن. بۇ پۇلنى خەجلىسەم تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمەن.» يانچۇقى بارغانسېرى تومپىيىۋاتقان ئەخمەت ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاپ، كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ «ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرگۈدەك» قىلىپ سۈرەتكە تارتىپ، بارغانسېرى كۆپ تور ئەھلىگە تاشتا كەنتىنىڭ نامىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.

يېزا - كەنتلەردە 100 «توردا ئالقىشلانغان» دىكتور يېتىشتۈرۈلىدۇ

ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. ئاقسۇ شەھىرى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتتى، يېزا - كەنتلەردە بىر تۈركۈم «توردا ئالقىشلانغان» دىكتورلار «بارلىققا كەلمەكتە».

ئەخمەت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھازىر مېنىڭ سىنغا ئېلىش تېخنىكام ياخشى ئەمەس، <فېنسى>لار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشۇم كۆپ ئەمەس، يەنە نۇرغۇن يېڭى بىلىمنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يىل يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، تىرىشىپ مۇنەۋۋەر دىكتور بولىمەن».

ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن بو مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئاقسۇ شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسى «تىيانشان پىلانى» «پۇگۇڭيىڭ پىلانى» «ئارزۇغا ئىنتىلىش پىلانى» «يول باشلىغۇچى پىلانى» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 51 قارار ئېلېكتىرونلۇق سودا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 4838 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشى 207. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىت - نۇقتىسىدىن 66 نى قۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى قۇرۇپ، سېتىشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىپ، ئەزا كارخانىلارنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋۋال سېتىۋېلىشقا يېتەكلىدى.

ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى باشباغ كەنتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى خەلچەم ئەمەت نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى. 2014 - يىلى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا ئايرىلغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىشى بېشى كىرىمى پەقەت 2500 يۈەن ئىدى؛ 2015 - يىلى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققاندا، كىشى بېشى كىرىمى 5500 يۈەن بولدى؛ 2019 - يىلى پونكىت باشلىقى بولغاندىن كېيىن، كىشى بېشى كىرىمى 8000 يۈەنگە يەتتى.

گۇەن بو مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5 - ئايدا، ئاقسۇ شەھىرى ئالى يېزا - كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا شۆيۈەنى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، يىل ئىچىدە يەرلىك 100 «توردا ئالقىشلانغان» مال تونۇشتۇرۇش دىكتورىنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

رەقەملىك بېيىش «تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇش

يېنىشلاپ كۈچەپ توۋلاش، ھەر قېتىملىق چېكىپ زاكاز چۈشۈرۈش، پارچە-پارچە ئەشيا ئوبوروتى تېز يوللانمىسى... ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە غايەت زور ھاياتىي كۈچ قوشماقتا.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، خاڭجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشى ۋە تۈرتكىسىدە، خاڭجوۋنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى مەركىزى»لىك ئەۋزەللىكى بىلەن ئاقسۇنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇپ، خاڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىنغان. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى 2014 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بىخ سۈرۈش، ئۆسۈپ يېتىلىشتىن زورىيىشقىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ كۆلىمى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېز سۈرئەتتە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.

2015 - يىلى، ئاقسۇ شەھىرى دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە قىلىپ بېكىتىلدى. 2019 - يىلى 3 - ئايدا، ئاقسۇ شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى سودا، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپلەشكەن باغچە رايونىغا ئايلاندى ھەم ئالىبابا، جىڭدۇڭ، يۈنجى قاتارلىق داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى بىناسىغا كىرگىنىمىزدە، 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا رايونىغا ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىدىن 84ى ماكانلاشقان ئىكەن. 1 - قەۋەتتىكى مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىدا، ئوراپ قاچىلىنىشى نەپس بولغان ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى؛ «شىنجاڭ مىجيې» «كىروران قىزى» «شىيۈ نيۇنيۇ» «گاۋ شاۋيې» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۈپەتلىك ماركىلىرى 2 -، 3 -، 4 - قەۋەتلەرگە جايلاشقان بولۇپ، ھەربىر سۈپەتلىك ماركىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىشخانىسى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەنىدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لياڭ جيانى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان كارخانىلار ۋە شەخسلەر بىردەك ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، سۇ، توك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەشيا ئوبوروتى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش، باشقۇرۇش بويىچە مەسلىھەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش، قانۇن ياردىمى بېرىش قاتارلىق كەسىپلەشكەن مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدىن پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا خۇددى بىر تال قىزىل يىپقا ئوخشاش، بىر ئۇچى كەڭ يېزا - كەنتلەرگە باغلانغان، بىر ئۇچى غايەت زور بازارغا تۇتاشقان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاممىنى رەقەملىك بېيىش «تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ