تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق يېقىندا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، مەھەللە مۇلازىمىتى تۈرىدىكى كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى پىراكتىكا قىلىشقا تەشكىللىشىگە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت ساھەسىگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنىدا بوش ئورۇن بولسا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدا ئاشكارىلانغان مەھەللە خىزمىتى كۈچىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ