تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئونسۇ ناھىيىسى ئىشلەمچى يېزىسى سۆگەت ئېرىق كەنتىدىكى ياسىن ھامۇت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىسسىق تاڭزۇڭزا يېگەچ، تۇغقىنى جوۋ لىنەن سۆزلەپ بېرىۋاتقان تاڭزۇڭزا بايرىمىنىڭ كېلىش چىقىشىنى ئاڭلاۋاتاتتى.

  جوۋ لىنەن ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ سۆگەت ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. جوۋ لىنەننىڭ ياردىمىدە، دېھقان ياسىن ئېيىغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىم قىلىدىغان «مائاشلىق» كىشىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى مو يەردىكى ئالمىلىقنىڭ كىرىمىمۇ ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى. ياسىن ئائىلىسىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى ھەۋەس قىلىدىغان بەختلىك ئائىلىگە ئايلاندى.

  ھەر قېتىم قوشنىلىرى ياسىننى «قابىلىيەتلىك» دەپ ماختىغاندا، ئۇ دائىم پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇنىڭدا تۇغقىنىم جوۋ لىنەننىڭ تۆھپىسى زور، تۇغقىنىم مېنى ھاللىق سەۋىيەگە باشلاپ ماڭدى، بەختلىك تۇرمۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ يارىتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردى» دېدى. 

  ئىلگىرى ياسىن بىلەن خوتۇنى يەر تېرىيتتى، ئىككى قىزى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. جوۋ لىنەن ياسىن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، قانداق قىلىپ تۇغقىنىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

  2019-يىلى 3-ئايدا، جوۋ لىنەن سۆگەت ئېرىق كەنتىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ياسىننىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولغاچقا، ياسىن ئوغۇتنىڭ يوقلۇقىدىن غەم قىلىۋاتاتتى، بۇ جوۋ لىنەننىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. ئۇ ياسىن ئىگىلىگەن تېخنىكا ۋە ئائىلىسىنىڭ كىرىم مەنبەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شۇ كۈنى كەچتىلا ياسىن ئۈچۈن كىرىمنى ئاشۇرۇش پىلانى تۈزدى. ياسىننىڭ يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەش پىراۋىسى بار ئىدى، پۇتۇڭخۇانىمۇ يامان ئەمەس سۆزلەيتتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولاتتى؛ ئىككى مو يەردىكى ئالمىلىقىنى تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە ۋاقتىدا پەرۋىش قىلسا، كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولاتتى؛ ھويلىدا يەنە بىر پارچە بوش يەر بار بولۇپ، كىچىك لاپاس ياساپ كۆكتات تېرىسا بولاتتى؛ ھويلا-ئاراننى «ئۈچ رايون» بويىچە ئايرىغاندا، يەنە بىر قىسىم توخۇ، ئۆردەك، كالا، قوي بېقىشقا بولاتتى.

  جوۋ لىنەن پىلانىنى ئېيتقاندا، ياسىن سەل ئىككىلىنىپ قالدى. «مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەم، ئالمىلىق بېغىمنى پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم يوق، مەنمۇ ئىككى بالامنى سېغىنىپ كېتىمەن» دېدى ياسىن كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ.

  جوۋ لىنەن دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تارتىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بولغان تەسىرى، بولۇپمۇ بالىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى سۆزلەپ، ياسىنغا خىزمەت ئىشلىدى، ياسىن ئاخىرى ئۆيىگە يېقىن جايدىن بىر خىزمەت تېپىشقا قوشۇلدى.

  ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، جوۋ لىنەن ئىشچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا باشلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي بىر كارخانىدىن ياسىنغا مەخسۇس سۈت، كۆكتاتلارنى مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى تېپىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ياسىننىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى چاتىدى، ھويلا-ئارانلىرىنى رېمونت قىلىپ، كۆكتات مايسىسى، چۈجە قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى، ناھايىتى تېزلا ياسىن ئائىلىسىنىڭ قىياپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.

  «مېۋىلىك دەرەخكە سۇ قويىدىغان ۋاقىت كەلدى، شاخلارنى پۇتايدىغان ۋاقىت كەلدى، مېۋە شالاڭلىتىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئوغۇتلايدىغان ۋاقىت كەلدى...» جوۋ لىنەن ياسىننىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. 1-2 كۈندە بىر قېتىم ياسىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلەتتى، «قانداق قىيىنچىلىق بار»، «باشقۇرۇش توغرىمۇ-خاتا» دېگەنلەرنى ئىگىلەيتتى، يەنە دائىم تېخنىكلارنى باشلاپ بېرىپ يېتەكچىلىك قىلاتتى.

  «جوۋ تاغام دائىم ماڭا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدۇ، يەنە سىڭلىمغا بەزى بىلىملەرنى ئۆگەتتى، يەنە بىزگە ئويۇنچۇق، ئوقۇش قۇراللىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئۈستەل چىرىغى ئېلىپ بەردى، جوۋ تاغام بىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بىزمۇ جوۋ تاغامنى ياخشى كۆرىمىز» دېدى ياسىننىڭ چوڭ قىزى سانىيە ياسىن.

  «تۇغقانلار كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىشى كېرەك. ھازىر ياسىن ئىككىمىزلا تۇغقان بولۇپ قالماي، ئىككى ئائىلىدىكىلەرمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئارىلىشىۋاتىمىز» دېدى جوۋ لىنەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ