تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ ئىلى: ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلىدىغان «ئاسمان شەھىرى»

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى «ئاسمان شەھىرى» دالىدا قونۇش لاگېرىدا، ساياھەتچىلەر سەيلە قىلغاچ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە (6-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دەل ھازىرقى پەيتتە «چېگرا بوستانلىقى» شىنجاڭ ئىلىنىڭ مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ئىلى تېكەس ناھىيەسى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان «ئاسمان شەھىرى» دالىدا قونۇش لاگېرى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ گۈزەل جايغا كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ لاگېر قاراجون يايلىقىغا ياندىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل 5-ئايدا تىجارەت باشلاپ، شۇ جايدىكى 10 نەچچە چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، بۇ لاگېر كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى «ئاسمان شەھىرى» دالىدا قونۇش لاگېرىدا، خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەرگە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىماقتا (6-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى «ئاسمان شەھىرى» دالىدا قونۇش لاگېرىدا، چارۋىچىلارنىڭ بالىلىرى ئات مىنىپ ئوينىغاچ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئات ئىجارە ئېلىشىنى كۈتمەكتە (6-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى «ئاسمان شەھىرى» دالىدا قونۇش لاگېرىدا، ساياھەتچىلەر سەيلە قىلغاچ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە (6-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ