7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن شەھىرى يەنئەن ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى لىنىيەنى تەكشۈرمەكتە.
خەلق تورى خەۋىرى: 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرلىق «فۇشىڭ» ناملىق D5096 قېتىملىق ئوق پويىز تۇنجى قېتىم شىئەن ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى، ۋېينەن شەھىرى، يەنئەن شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈلىن شەھىرىگە يېتىپ باردى، بۇ «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىمالىي شەنشى كونا ئىنقىلابىي رايونىغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
پويىزنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىئەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى، يەنئەن تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى پويىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى «ئوق پويىز بىخەتەرلىك مەشىقى» قىلىپ ئۆستۈردى، ساقچى كۈچىنى ئاجرىتىپ مەخسۇس بەن قۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەشىق قىلىش ئارقىلىق لىنىيە ساقچىسى، پويىز ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئۇلار ئامانلىق ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، لىنىيە بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۈزەش، يول سىرتىدىكى بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى، نۇقتىلىق بۆلەكلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، پويىزلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش بىخەتەرلىكىنى چارلاشنى كۈچەيتىش، ۋوگزال، پويىزلارنىڭ ساقچى ئىشلىرى ئەھۋالىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر، شۇنداقلا پويىزغا چىقىش-چۈشۈشتە ماس بىر گەۋدىلەشكەن مۇداپىئە كۆرۈش ئارقىلىق پويىزنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. (جاڭ شىن فوتوسى)
پويىز ساقچىسى D5095 قېتىملىق پويىز ۋاگونىنى تەكشۈرمەكتە.