تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جانان ئۆرۈك» شىنجاڭدىن چىقتى دېھقانلارنىڭ قەلبى لەززەتكە تولدى

يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئاشماقتا

«جانان ئۆرۈك» شىنجاڭدىن چىقتى دېھقانلارنىڭ قەلبى لەززەتكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جىڭ بو، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى تېتىرباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى يېڭىلا ئۈزگەن ئۆرۈكلەرنى كۆرسەتمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

[ئىستون سۆزى]

ئۇزاق يىللىق نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئارزۇ قىلىش. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى توختىماي ئىزدەنگەن مىڭ يىللىق ئارزۇ، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ 100 يىلغا يېقىن جان تىكىپ قىلغان كۈرەش. پارتىيەمىزنىڭ 99 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرماقتا.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ، تىز پۈكمەي، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشنىڭ مېۋىسى، شۇنداقلا يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشنىڭ سەپەرۋەرلىكىدۇر».

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى، بەخت يولىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكتى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋەتىنىمىزدىكى ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە ئوخشاش تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، تىنچ، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلانماقتا.

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «ھاللىق تۇرمۇشىمىزغا ئاتلىنايلى» مەخسۇس ئىستونىنى تەسىس قىلدى، بۇ ئىستوندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىۋاتقان دەۋر ئېسىل سەھىپىسىنى خاتىرىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىممەت ئىدىيەسى، خەلققە بولغان سەمىمىي، كۈچلۈك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇۋاتقان، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئالدى بىلەن شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ئەۋەتكەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلايلى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر.

بۇ يىلقى ئۆرۈك پىشىقىدا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى يېزا - كەنتلەرگە بارغىنىمىزدا، شېخى كۆتۈرەلمەي قالغان ئالتۇندەك ساپسېرىق ئۆرۈكلەر ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى.

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ناشتىدىن كېيىن، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى توقاي كەنتىدىكى 82 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇخان قادىر ئۆرۈكلۈك بېغىدا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆرۈك ئۈزۈشىگە قاراپ تۇراتتى. تاتلىق ئۆرۈك ھىدى قاپلىغان ئۆرۈكلۈك باغدا ئۆرۈك ئۈزۈۋاتقانلارمۇ، ئوراپ قاچىلاۋاتقانلارمۇ، ئورالمىلارنى يەشىكلەرگە سېلىۋاتقانلارمۇ بار ئىدى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

يېڭىسار ئۆرۈكىنىڭ دانىسى چوڭ، پوستى نېپىز، شىرنىسى كۆپ، ئېتى تاتلىق، ئالتۇندەك رەڭگى ئىچىدىن سۇس قىزىللىق چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، «جانان ئۆرۈك» دېگەن نامى بار. بۈگۈنكى كۈندە، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر نامرات ناھىيە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش يولىدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىسار ئۆرۈكى ۋەكىللىكىدىكى خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش جەريانىدا تولۇپ تاشقان بەختكە ئېرىشمەكتە.

ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش:

پۇلغا يارىمايدىغان مېۋىدىن ئالتۇن مېۋىگە ئايلاندى

«ئۈزۈش جازىسى بولسا كۆپ قولايلىق بولىدىكەن، ئۆرۈكلەرمۇ ئانچە زېدە بولمايدىكەن.» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى توقاي كەنتىدىكى 30 نەچچە ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى رېھىمخان ئالاۋەدى ئېگىزلەتكىلى - پەسلەتكىلى بولىدىغان ئۈزۈش جازىسىدا تۇرۇپ، ئاق پەلەي كىيىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن شاختىن ئۆرۈك ئۈزۈۋاتاتتى.

رېھىمخاننىڭ بالىلىقىدىكى ئەسلىمىسىدە، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىدە ئۆرۈك دەرىخى بار ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۆرۈك پۇلغا يارىمايتتى، ھەر يىلى ئۆرۈك پىشىقىدا، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئېگىز يەردىكى ئۆرۈكلەرنى ئۈزەلمەي، دەرەخنى كۈچەپ لىڭشىتاتتى، پىشقان ئۆرۈكلەر يەرگە تورۇكلاپ چۈشەتتى، يەپ بولالمىغانلىرى يەردىلا سېسىپ كېتەتتى.

«ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھەربىر تال ئۆرۈك قىممەتلىك، تاياق بىلەن قېقىپ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۈزۈش جازىسىدا تۇرۇپ، بىر تالدىن - بىر تالدىن ئۈزۈش كېرەك» دېدى رېھىمخان.

قوشنا كەنتتىكى ئۆرۈك ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، رېھىمخان ئۆرۈك دەرىخىنى چاتاش قاتارلىق ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. بۇ يىل ئىلمىي پەرۋىش قىلىنغاچقا رېھىمخان ئائىلىسىنىڭ يەتتە مو ئۆرۈكلۈكىدىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە. «كەنتتە ماڭا ئوخشاش ئۆرۈك دەرىخى تىكىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى كۆپ.» رېھىمخاننىڭ خۇشاللىقتىن كۈلۈپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى.

كىرىمنى ئاشۇرۇش خۇشاللىقىنىڭ تەمىنى تېتىغانلاردىن يەنە توقاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توقاچ ئۆمەرمۇ بار، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۇ ئەمدىلا ساتقان 80 كىلوگىرام ئۆرۈكنىڭ پۇلىنى ئالدى. «جەمئىي 708 يۈەن، 64 كىلوگىرامى 1 - دەرىجىلىك ئۆرۈك، بىر كىلوگىرامى 10 يۈەن» دېدى توقاچ.

«بىز ناھىيە، يېزىلاردىكى باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، تولۇقلاپ تىكىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، كېسەل، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەتتۇق. ئۆرۈك ئۈزۈش پەسلىدە، يەنە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەم كەنت كادىرلىرىنى مەركەزلىك ئۈزۈشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، بىرتۇتاش دەرىجىگە ئايرىپ ئىلغاپ، ئۆرۈك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ توقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ خەي.

«كەنت ئاھالىلىرى ئۆرۈك دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، «جانان ئۆرۈك» ھەر تەرەپلىمە ئاسرالدى، ئۆرۈكنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.» ۋاڭ خەي مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ئۆرۈك دەرىخى تىكىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. بۇ يىل، كەنتىمىز تىرىشىپ كىشى بېشى باغ - ئورمانچىلىق كىرىمىنى 2000 يۈەنگە يەتكۈزىدۇ».

نۆۋەتتە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقى ئۆرۈك، ياڭاق، بادام، شىنمېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، باغ - ئورمان كۆلىمى 250 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆرۈكلۈك كۆلىمى 150 مىڭ مو.

تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش:

مېۋىلەرنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى

«ئۈزۈپ قاچىلاش چىڭ تۇتۇلمىسا كىرىمگە تەسىر يېتىدۇ» دېدى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سېۋەتكە قاچىلانغان ئۆرۈكلەرنى ئوراپ قاچىلاشقا ئاپىرىپ بېرىۋاتقان توقاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەريەمگۈل ياقۇپ.

ئۆرۈك دەرىخى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى پەرۋىش قىلىشقا بەك كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايتتى، ئۆرۈك قانچىلىك ھوسۇل بەرسە شۇنچىلىك ئالاتتى. 2017 - يىلى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكلۈك بېغىدا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى كۆرۈلدى، كەنت ئاھالىلىرى پەقەت قۇرت چۈشكەن ئۆرۈكلەرنىڭ سېۋەت - سېۋەتلەپ تاشلانغانلىقىغا قاراپ تۇردى، ئۆرۈكلۈك باغ كىرىمى %90كە يېقىن ئازىيىپ كەتتى.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، يېڭىسار ناھىيەسى «قۇرت» يوقىتىشنى چۆرىدەپ، گېئولوگىيەلىك ئالداپ يوقىتىش، ئايروپىلان بىلەن دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.

ئائىلىسىدە توققۇز مو ئۆرۈكلۈكى بار مەريەمگۈل كەنتنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قوشۇنىغا كىرگەندىن كېيىن، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ ئىككى يىلدا، مەريەمگۈلنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بۇ «جانان ئۆرۈك»لەرنى پەرۋىش قىلىش بولدى.

2019 - يىلى، يېڭىساردا ئۆرۈككە قۇرت چۈشۈش نىسبىتى %5كە تۆۋەنلىدى، ئادەتتىكى يېڭى ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىنىش باھاسى بەش يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى پەقەت ئۆرۈكتىن ئىبارەت بىر تۈردىلا 800 يۈەن ئاشتى. «بۇلتۇر، ئائىلىمىز ئۆرۈكتىن 7000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، بۇنىڭغا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان 10 مىڭ يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى مەريەمگۈل.

خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېڭىسار ناھىيەسى يەنە ئالى بابا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن بىللە 400 مودىن ئارتۇق «تاۋشياڭتيەن رەقەملىك دېھقانچىلىق مەيدانى يېڭىسار ئۆرۈكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئالى بۇلۇتى يېزا ئىگىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئىزدەندى.

«خاس باغ - ئورمانچىلىق يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسپى. بۇ يىل، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 46 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ 93 مىڭ مو ئۆرۈكلۈكىدە ئۆرۈك كۆچىتىنى تولۇقلاپ تىكىش، ئۇلاپ ئەلا سورتقا ئۆزگەرتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدى، مېۋىلەرنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتى %80تىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.» يېڭىسار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خې ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، قەلب ۋە كۈچنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ياخشى باسىمىز.

توردا سېتىش:

«يېڭى پېتى ساقلاش كىيىمى» كىيدۈرۈلۈپ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى

يېڭىسار ناھىيەسىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك يېڭىسار ئۆرۈك ئۈزۈش بايرىمىدا، يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مېھرىگۈل ئۆمەر ئېكرانغا چىقىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ، يېڭىسار ئۆرۈكىگە ۋاكالەتچى بولدى. ئىككى سائەتتە 6 مىليوندىن ئارتۇق تورداشنى توردا كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، يېڭىسار يېڭى ئۆرۈكىدىن 10 مىڭ يەشىككە يېقىن سېتىلدى.

تۇخاننىڭ خاتىرىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى دائىم ئۆرۈكنى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى، سېتىش دائىرىسى يەتتە - سەككىز كىلومېتىردىن ئاشمايتتى. «ھازىر، ئۆرۈكلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى» دېدى تۇخان.

ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرۈلگەن «جانان ئۆرۈك»نىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئامان - ئېسەن يېتىپ بارالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدىغان چىرايلىق «كىيىم» كىيدى، سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېخىمۇ ياخشى سېتىلدى.

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مېۋە ئىلغاش سېخىدا، ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئىشچىلار يېڭى ئۆرۈككە «يېڭى كىيىم» كىيدۈرۈپ، ئاندىن يەشىكلەرگە قاچىلاپ ئاغزىنى ئېتىۋاتاتتى. «بۇ يېڭى مېۋىلەر 48 سائەت ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈچيەن مۇنداق دېدى: «مېۋە - كۆكتاتلارنى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش، تەبىئىي يېيىپ قۇرۇتۇش ۋە مېۋە - كۆكتات مۇرابباسى قىلىشتىن ئىبارەت <ئۈچ چوڭ يۈرۈشلۈك ئۇسۇل> ئارقىلىق ئۆرۈكنى <تولۇق ئىستېمال> قىلغىلى بولىدۇ، ئۆرۈك ئۈچكىسىدىن يەنە ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربون پىششىقلىغىلى بولىدۇ».

تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يوۋلېگو شىركىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە يېتەكلىدى ھەم 280 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن 216 كىشى بار.

«بىز يەنە شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى، ئالى بابا، جۈخۇاسۈەن قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەنئەنىۋى باغ - ئورمانچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش يولىنى ئاچتۇق ھەم 194 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئاساس قىلىپ، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. بۇ يىل پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېڭى ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارىلا 42 مىڭ توننىغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 1200 يۈەن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.» خې ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ