تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خاس باقمىچىلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى بېيىتتى

گۇما ناھىيەسىدە:

خاس باقمىچىلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى بېيىتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

ئىشچى - خىزمەتچىلەر گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ گۆش توشقىنى كەسپىي باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا توشقانلارغا يەم بەرمەكتە (4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

قەد كۆتۈرگەن يېڭى شەھەر رايونى، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى، يەنە تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرگەن خاس كەسىپلەر... گۇما ناھىيەسىنىڭ قىسقىغىنا بەش - ئالتە يىلدىكى تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

شۇنى ئېنىق ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش گۇما ناھىيەسى تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتىسى.

گۇما ناھىيەسى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ناھىيە ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىناق، باي بولغان يېڭى يېزا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى.

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش

ياز كىرگەندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونى ئالدىراشچىلىققا تولدى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئېشەك سۈتى پىششىقلاش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتى ۋە ئىستىراھەت يېمەكلىكى پىششىقلاش سېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تىرىشىپ بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ يەردە پىراكتىكا قىلىۋاتقان گۇما ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەرىپە غوجىمەمەتنىڭ ئالدىراش سىيماسىمۇ بار ئىدى.

«مەن ئۈچ يېزا - بازارنىڭ ئېشەك سۈتى سېتىۋېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھەم فىزىكىلىق - خىمىيەلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە ئالاقىدار تېخنىكىنى ئۆگىنىۋاتىمەن.» 20 ياشلىق شەرىپە مۇنداق دېدى: تېخى پىراكتىكا باسقۇچىدا بولساممۇ، لېكىن مۇھىم ئىش ئورنىنىڭ ماھارەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كارخانىدا تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدىم.

كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىنىڭ پايدىسىدا، گۇما ناھىيەسىدىكى پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. «نۆۋەتتە ئايلىنىۋاتقان ئېشەك سۈتى پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە 600دىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ زېشى مۇنداق دېدى: يېڭى زاۋۇت ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل كارخانا يەنە 1500 ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

بۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى بىر كارتىنا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى غاز، ئېشەك، توشقان بېقىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تۈۋرۈك كەسىپ قىلدى، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جارى قىلدۇرۇۋاتقان رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. پۈتۈن ناھىيە 6 مىليون دانە غاز، 9 مىليون دانە توشقان، 39 مىڭ تۇياق ئېشەك، 180 مىڭ تۇياق كۆپ تۆللەيدىغان قوي قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، مەنپەئەتلەنگەن ئامما 49 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇما ناھىيەسى يەنە تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ ئۆزگەرتتى. بۇ يىل، گۇما ناھىيەسى ھازىرقى باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەم - خەشەك كەسپىنى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق كەسىپ قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدە 160 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە سىلوس كۆممىقونىقى، بېدە قاتارلىق تۈرلۈك يەم - خەشەك تېرىدى ھەم يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتىنى يانداش قۇرۇپ، باقمىچىلىقنى يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، داۋاملاشما كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.

كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

160 ھارارەتتىن ئايرىش پارنىكىدىكى 100دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى تۇخۇمدىن چىقىرىش ماشىنىسىدا بىر ئايدا 1 مىليون دانىدىن ئارتۇق غاز چۈجىسى تۇخۇمدىن چىقىرىلىدۇ، گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى توغراقتار كەنتىدە، بىر زامانىۋى غاز باقمىچىلىق بازىسى گۇما ناھىيەسىنىڭ غاز بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى.

«پۈتۈن ناھىيەنىڭ غاز چۈجىسىنى تۇخۇمدىن چىقىرىش ۋەزىپىسىنىڭ %80ى بازا ئىچىدە تاماملىنىدۇ.» شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى غازچىلىق بازىسى تۇخۇمدىن چىقىرىش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يىڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باقمىچىلىق بازىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى تۇخۇمدىن چىقىرىش ۋە ئالدىنقى 30 كۈندىكى بېقىش خىزمىتىنى تاماملاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن غاز چۈجىسى گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرتۇتاش بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن كارخانا مەركەزلىك ھالدا قايتا سېتىۋېلىپ، سويۇپ پىششىقلايدۇ.

بۇ خىل كارخانا ئىككى باشنى باشقۇرىدىغان، دېھقانلار ئوتتۇرا ھالقىنى تۇتىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى گۇما ناھىيەسىنىڭ غاز، توشقان بېقىش قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كەڭ قوللىنىلدى.

«ئىلگىرى باقمىچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ غاز باقمىچىلىق ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كارخانا ئالدىنقى بۆلەك ۋە كېيىنكى بۆلەكلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى، دېھقانلار ئۆلچەملەشكەن بېقىشقا مەسئۇل بولدى، ھەربىر غازنى بېقىشتىن قىلىنىدىغان ساپ كىرىم 16 يۈەنگە يېتىپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئېزىز ئەلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كۆكتېرەك يېزىسى غازنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش نۇقتىسىدىن 13نى تەشكىللەپ قۇردى، 1 مىليون 400 مىڭ دانە نامراتلارنى يۆلەش غېزى بېقىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭدىن پۈتۈن يېزا بويىچە 9700دىن ئارتۇق كىشى مەنپەئەتلىنىدۇ.

ئەنئەنىۋى بولغان شەخسلەرنىڭ ئورماندا بېقىشىغا سېلىشتۇرغاندا، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تىرەك بولۇشى ۋە قوللىشى بولغاچقا، باقمىچىلىققا تايىنىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى تېخىمۇ پۇختا بولدى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

«پۈتۈن ناھىيە بويىچە 14 يېزا - بازاردا غاز، توشقان بېقىش قاتارلىق خاس باقمىچىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نامرات ئامما كەنتتىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولدى.» گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈەن جىن مۇنداق دېدى: كارخانا بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، گۇما ناھىيەسى بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن يېپىق شەكىلدىكى كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، خاس باقمىچىلىقنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يەنە كەسىپلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

بۇ يىل، گۇما ناھىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم باقمىچىلىق قوتىنى، پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق يېزا - بازارلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، تىرىشىپ كىچىك چارۋا باقمىچىلىقىدا كۆلەم ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈشكە ئىمكانىيەت ياراتتى.

كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ تەڭ پايدا ئېلىشى ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش

كەسىپ زەنجىرىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشى جەريانىدا، نامرات ئاممىنىڭ خاس باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا خۇشاللىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىدىكى كەسىپلەردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تەقەززاسى بار بولدى.

«مەن 2500 دانە توشقانغا يەم بېرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل، توشقان بېقىش مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىم.» گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى غاز چاقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوجىئۆمەر مەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، مەن باقمىچىلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، توشقان نەسىللەندۈرۈش تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن.

بۇلتۇر، غوجىئۆمەر شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن باقمىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توشقان باقمىچىلىق بازىسىغا كىرىپ ئىشلىدى، قەپەس تازىلاش قاتارلىق ئاددىي خىزمەتلەرنى قىلىشتىن باشلاپ، قەدەممۇقەدەم ئۆگىنىپ باشقۇرغۇچى بولۇپ يېتىلدى. كارخانىغا بېرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، غوجىئۆمەر مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتتى. «خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز ھازىر كارخانىدا توشقان باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىمىز، توشقان بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، بىز كارخانىدا ئىشلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كېيىن كەنتكە قايتىپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى باقمىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز» دېدى غوجىئۆمەر.

غوجىئۆمەرنىڭ ئويى كارخانىنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرىغا ماس كەلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ سىۋېن مۇنداق دېدى: توشقان بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كارخانا ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئەت جەھەتتە تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئۇلى ھېسابلىنىدۇ.

«كارخانا بىلەن دېھقان ئائىلىلىرى قول تۇتۇشۇپ تىجارەت قىلسا، توشقان باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى %40 ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» جاڭ سىۋېن مۇنداق دېدى: توشقان بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى غوجىئۆمەرگە ئوخشاش نۇرغۇن بېيىش ماھىرلىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلىي شەكلىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە موھتاج.

ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى گۇما ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ نىشانى. بۇ يىل، گۇما ناھىيەسى «2020 - يىللىق كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يىرىك پىلانى سىستېمىسى لايىھەسى»نى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خاس كەسىپلەرگە تايىنىپ 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئائىلىلەرنى ئالدىن يۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 8500دىن ئارتۇق نامرات ئامما خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى