تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋىرى، ۋۇ لەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سايرام كۆلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان.
سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۇلان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھالىق (35 يۈەن \ ئادەم ) ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرىگە ئاساسەن مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت يۈرۈشلۈك بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، مەنزىرە رايونىدا ئىككى كۈنلۈك ساياھەت كىرىش بېلىتى 50 يۈەن \ ئادەم بولىدۇ.
مەملىكەت بويىچە بارلىق تېببىي خادىملارغا كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تاكى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تېببىي خادىملار كىملىك، دوختۇرلۇق كىنىشكىسى، سېسترالىق كىنىشكىسىگە ئاساسەن ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
نۆۋەتتە، ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنىڭ خىراجىتى داۋاملىق تۈردە 2019-يىللىق قىشلىق ساياھەت باھا سىياسىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.