6-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇەننەن ناھىيەسى خۇگېجۇاڭ بازىرى شىلياڭگېجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ماشىنىدىن پايدىلىنىپ ياڭيۇدىن ھوسۇل ئالماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسى لۇەننەن ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كۆكتاتلارنى خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ، زاكازلىق تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆكتات تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شياۋ فوتوسى
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇەننەن ناھىيەسى ياۋۋاڭجۇاڭ بازىرىدىكى كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا، كۆكتاتچىلار شوخلىنى ئايرىپ قاچىلىماقتا.
6-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇەننەن ناھىيەسى خۇگېجۇاڭ بازىرى شىلياڭگېجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ماشىنا ئارقىلىق ئايرىپ بولغان ياڭيۇلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.