تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىلى 5 - قېتىملىق نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، قېپقالغان نامرات نوپۇسنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىنىپ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسلاردا يېڭى نامراتلىقنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، بەش دەرىجىلىك تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ئارقىلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىجىل مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈمنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامرات نوپۇسنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارزۇسى ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىزىملىك دەپتىرىنى ياخشى تۈزۈپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، نىشانلىق ئوق ئېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەرلىك كارخانىلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى بىر تۈركۈم ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىشقا پائال قوزغىتىپ، نامرات نوپۇسنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەللىك دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ