تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2019- يىللىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 91 مىليون 914 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليون 320 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن.

ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 681 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 71 مىڭ ساپ كۆپىيىپ، كۆپىيىش نىسبىتى %1.5 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتى 249 مىڭ، باش ياچېيكا 305 مىڭ، ياچېيكا 4 مىليون 127 مىڭ.

بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى ۋە ئوقۇش تارىخى. ئايال پارتىيە ئەزاسى 25 مىليون 599 مىڭ نەپەر بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %27.9ىنى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 6 مىليون 803 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.4نى ئىگىلىدى. ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 46 مىليون 615 مىڭ نەپەر بولۇپ، %50.7نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى. 30 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 12 مىليون 315 مىڭ نەپەر، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 946 مىڭ نەپەر، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 827 مىڭ نەپەر، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 644 مىڭ نەپەر، 46 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 9 مىليون 362 مىڭ نەپەر، 51 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 8 مىليون 794 مىڭ نەپەر، 56 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 451 مىڭ نەپەر، 61 ياش ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 26 مىليون 577 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرگەن ۋاقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەنلەر 174 مىڭ نەپەر، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەنلەر 15 مىليون 509 مىڭ نەپەر، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن پارتىيەگە كىرگەنلەر 61 مىليون 277 مىڭ نەپەر، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەگە كىرگەنلەر 14 مىليون 955 مىڭ نەپەر.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى(ئىشچى تېخنىك خادىم) 6 مىليون 445 مىڭ نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 25 مىليون 561 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 14 مىليون 403 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 10 مىليون 104 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 7 مىليون 678 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 1 مىليون 960 مىڭ نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 7 مىليون 104 مىڭ نەپەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار 18 مىليون 661 مىڭ نەپەر.

ئىككىنچى، پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

2019 - يىلى پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار جەمئىي 2 مىليون 344 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 289 مىڭ نەپەر كۆپەيدى.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ جىنسى، مىللىتى، يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئايال 994 مىڭ نەپەر بولۇپ، %42.4نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى 236 مىڭ نەپەر بولۇپ، %10.1نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى كىشىلەر 1 مىليون 883 مىڭ نەپەر بولۇپ، %80.3نى ئىگىلىدى. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەر 1 مىليون 68 مىڭ نەپەر بولۇپ، %45.6نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلارنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچى تېخنىك خادىم) 143 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىم 316 مىڭ نەپەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىم 253 مىڭ نەپەر، دېھقان - چارۋىچى، بېلىقچى 424 مىڭ نەپەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىم 134 مىڭ نەپەر، ئوقۇغۇچى 844 مىڭ نەپەر، باشقا كەسپىي خادىم 229 مىڭ نەپەر. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 1 مىليون 222 مىڭ نەپەر.

ئۈچىنچى، پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش ئەھۋالى

2019 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 199 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 910 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 232 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى.

تۆتىنچى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 18 مىليون 992 مىڭ نەپەر، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 9 مىليون 24 مىڭ نەپەر.

بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

پارتىيەنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتلىرىدىن جەمئىي 3202سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى 31، شەھەر(ئوبلاست)لىك پارتىيە كومىتېتى 397، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك پارتىيە كومىتېتى 2774.

شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزا - بازار، مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، مەمۇرىي كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 8636 شەھەر كوچا باشقارمىسى، 31 مىڭ 62 يېزا - بازار، 105 مىڭ 257 مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، 533 مىڭ 824 مەمۇرىي كەنتتە پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى، قاپلاش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %99تىن ئاشتى.

ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن جەمئىي 723 مىڭى بار، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 913 مىڭى، كارخانا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 1 مىليون 477 مىڭى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن 142 مىڭى بار بولۇپ، قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

(ئىزاھات: بۇ ئاخباراتتىكى قىسمەن جەملەنگەن سان ياكى نىسپىي ساننىڭ بىرلىكىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھېسابلاش خاتالىق پەرقى مېخانىكىلىق تەڭشەلمىگەن).

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ