شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا چاقنىدى . مەن پارتىيە بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشىمەن» تېمىسىدا پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. (يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)
6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) چياۋدۇڭ مەھەللىسىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى يىن چېڭجۇڭغا خاتىرە كارتىسى يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ كۈنى، چياۋدۇڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەت توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا بايراملىق سوۋغات تەقدىم قىلدى ھەمدە بىرلىكتە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. (يۆ يۆ فوتوسى)