تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، خەن چىنيەن، رايىدە

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىش. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا. قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىسىگە كۈچەشتىكى يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلاندى؛ ئالدىراش سىيمالار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يولىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش

«ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك». نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە يۇرتىغا قايتمايدىغان» غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

«مەن باشتىن - ئاخىر ئىشىنىمەنكى، چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ، بىزنىڭ كەنتىمىزدە يەر بايلىقى كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما كەنتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ماس كېلىدىغان بىر يولنى تاپتۇق. ھازىر، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى» دېدى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتى پارتىيە ياچيېكىسىنىڭ شۇجىسى بېلىقىز تۇرسۇن.

يىڭنەقاش كەنتى ئېغىر نامرات كەنت، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئىككى موغا يەتمەيدۇ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 460 ئائىلىدىكى 1835 كىشى بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. بۇ بىرقانچە يىلدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، يىڭنەقاش كەنتى «پارتىيە ياچيېكىسى + كارخانا + نامرات ئائىلە» كەپتەر بېقىپ بېيىشتىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ چىقتى. شىنتوۋ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باچكا بىلەن تەمىنلىدى، نامرات ئائىلىلەر كارخانىغا ۋاكالىتەن كەپتەر باقتى، كەپتەر تۇخۇمى يىغدى، باچكا چىقاردى، كارخانا كەپتەرلەر ئەي بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، يەنە كېلىشكەن باھا بويىچە نامرات ئائىلىلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. كەنت پارتىيە ياچيېكىسى باچكىلارنى تارقىتىش، سېتىۋېلىش باھاسىنى كېلىشىش، كەپتەر تۇخۇمى، گۆش كەپتىرى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى ئۆيىدىن چىقمايلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سارچوقا يېزىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پەتىقان قۇۋانىش ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۇچۇرلىرىنى ۋاراقلاپ كۆردى، رەتلىدى، سېلىشتۇردى. «2016 - يىلى بىزنىڭ يېزىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بىز قىلچە بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: بىر پارتىيە ئەزاسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى بىر بايراق، نۇرغۇن ئىشلارنى بىز ئالدىن ئويلىشىپ، ئالدىن ھەرىكەتلىنىپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇشىمىز كېرەك.

تايانچ كۈچ بولۇشقا تىرىشىش ياخشى سىرداش بولۇش

كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «نامراتلىق»قا قارشى جەڭ قىلىش داۋامىدا تايانچ كۈچ بولۇشقا تىرىشىشى، ياخشى سىرداش بولۇشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك يۆلەنچۈك ۋە سىياسىي كاپالەت.

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، تولى ناھىيەسىنىڭ دولاتى يېزىسى جاماتى كەنتىدە، بىرقانچە كەنت ئاھالىسى بىلەن تولى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋۇ چيۇچيۇڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشىنى كېڭىشىۋاتاتتى. بەزى كەنت ئاھالىسى ئۆزى باققان يەرلىك توخۇنى ئۇنىڭ ياردەملىشىپ سېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، بەزىلىرى ۋۇ چيۇچيۇڭنىڭ ياردەملىشىپ كالا سۈتىنى سېتىش يولىنى ئېچىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى... ۋۇ چيۇچيۇڭ دەپتىرىنى چىقىرىپ، كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىربىرلەپ خاتىرىلىدى، «كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار، بۈگۈن كەچتە ياچيېكا يىغىنى ئېچىپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز».

2018 - يىلى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ۋۇ چيۇچيۇڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى بويىچە، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە تەشكىللەش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز بىلەن قوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، جاماتى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۈنلىرى تېخى ئالدىدا» دېدى ۋۇ چيۇچيۇڭ.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش يولى تېخى ناھايىتى ئۇزۇن، 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىمەن، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمەن» دېدى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى خۇمدان كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى لى يۈگاڭ.

ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش خۇمدان كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا دۇچ كەلگەن ئەڭ رېئال مەسىلە. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاش، «كېسەل مەنبەسى»نى توغرا تېپىپ چىقىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش. لى يۈگاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت كالا، قوي، توشقان، گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ چىقىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىم مەنبەسىنى ئىلگىرىكى نوقۇل تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن مائاش خاراكتېرلىك، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك، تىجارەت خاراكتېرلىك، پاي پايدىسىنى تەقسىملەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرگە ئۆزگەرتتى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، بۇ كەنتتىكى 134 ئائىلىدىكى 618 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، جەمئىيەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. كەڭ كارخانىلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى بايقۇرۇت كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، كەنت ئاھالىلىرى قوي - كالا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ، كىرىم سەۋىيەسى تۆۋەنرەك. 2018 - يىلى 12 - ئايدا، 48 ياشلىق تەن شۈەن جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن بۇ كەنتكە 1 - شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تاللاپ ئەۋەتىلدى. بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەن شۈەن «پادىچى» بولۇشنى خالاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

تەن شۈەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، «ئالاقە تورى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + چارۋىچى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرى كېڭەيتىلدى. «ئېسىمدە قېلىشىچە بىر قېتىم 270 پارچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاكاز تالونى تاپشۇرۇۋالغاندا، مەن كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە توپتوغرا ئىككى سائەت باش كۆتۈرمەي تېز يەتكۈزۈش تالونى يازغانىدۇق» دېدى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇناخۇن مۆمىن. بۇلتۇرلا، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 نەچچە شەھەرگە 50 مىڭ كىلوگىرامدىن ئارتۇق قوي گۆشى، قوتاز گۆشى ساتتى، سېتىش كىرىمى 6 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تېگىشلىك كۈچ قوشۇش مەسئۇلىيىتىم بار» دېدى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئاقسۇ شەھىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان شىنجاڭ جېنيۈەن ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ ۋېنبىن. ھۆددىگە ئالغان نامرات كەنتتىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن سىرت، بۇلتۇر 5 - ئايدا، جاۋ ۋېنبىننىڭ شىركىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ۋە كەلپىن ناھىيەسىدىن كەلگەن 61 نامرات ئاممىنى شەرتسىز ئىشقا قوبۇل قىلدى، بۇ يىل يەنە 16 نامرات ئامما بۇ شىركەتتە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ