تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرپانغا ئۇچۇپ كېلىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەخسۇس تۈر بويىچە ئۇچۇش سىنىقىنى قانات يايدۇردى

6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

(ليۇ جيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ما يىنىڭ، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دۇڭگو خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئەڭ يېڭى خەلقئارا قاتناشقا ماس كېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغان، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە رېئاكتىپ پۇقرالار ئايروپىلانى − C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرپانغا ئۇچۇپ كېلىپ، بىر ئاي داۋام قىلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەخسۇس تۈر بويىچە ئۇچۇش سىنىقىنى قانات يايدۇردى.

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئورۇن دەرىجىسى 174 - 158 ئورۇن، ئۇچۇش مۇساپىسى 5555 - 4075 كىلومېتىر بولۇپ، 2017 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، 2021 - يىلى مەسئۇل تارماق تارقاتقان ئۇچۇشقا ماسلىشىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىش ھەم ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان. ھازىرقى باسقۇچتا، C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى كۆپ ئايرودۇرۇم، كۆپ رايون ماسلىشىپ سىناق ئۇچۇش ئەندىزىسىنى ئېچىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە يۇقىرى سىجىللىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇش سىنىقى باسقۇچىغا كىرىپ، ئايروپىلاننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنىڭ ئۇچۇشقا ماسلىشىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىناپ ئۇچۇش پۇقراۋى ئايروپىلان جەزمەن ئۆتىدىغان بىر تۈرلۈك ناچار كىلىمات سىنىقى.

بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىناپ ئۇچۇش سىنىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۇرپان ئايرودۇرۇمى C919 ئايروپىلانىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سىناپ ئۇچۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى مەخسۇس تۈزۈپ، ئايروپىلاننىڭ تۈرلۈك سىناق ۋەزىپىلىرىنى تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى باسقۇچلۇق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ھاۋا رايى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى C919 يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناپ ئۇچۇش ئەترىتى تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىنىڭ سىناپ ئۇچۇش تەلىپىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى باھالاپ چىقىپ، بۇ يەردە سىناپ ئۇچۇش تۈرىنى تەشكىللەپ، ئايروپىلان ئىقتىدارى سانلىق مەلۇماتىنى توپلاشنى قارار قىلغان.

تۇرپاننىڭ «ئوت يۇرتى» دېگەن نامى بار، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، يامغۇر ئاز بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رايونلارنىڭ بىرى. ئالاھىدە كىلىمات شارائىتى سەۋەبىدىن، تۇرپان شەھىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغاق ئىسسىق تەبىئىي مۇھىتتا سىناق قىلىش ئۆلچەم نۇقتىسى ۋە مۇھىم ئىسسىق رايوندا ئاپتوموبىل سىناش بازىسى بولۇش تەستىقىغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ