تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن يۆ، سۇ شياۋچىن خەۋىرى، فوتوسى): دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، ساياھەتچىلەرنى تەرتىپلىك كۈتۈۋالدى.
دۇۋەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مول مەزمۇنلۇق، خاسلىقى روشەن بولغان بىر قاتار مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ساياھەت ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكتە يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىللىق دۇەنۋۇ بايرىمىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 431 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 186 مىليون 375 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن.