6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربىي تاغ يېزىسى قالغايتى كەنتىدىكى مەنزىرە نۇقتىسىدا ئوينىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى خۇا خەۋىرى، فوتوسى): ياز كىرگەندىن بۇيان، قالغايتى كەنتىگە كېلىپ سالقىندايدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالغايتى كەنتى ئۆزىگە خاس مەنزىرە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدا دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.