تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يۆلەپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر راۋ يىڭچۈن): «ئۇ بولمىغان بولسا، بىزنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى!» دېدى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقىنى سۈن جيېنى تىلغا ئالغان نۇر تۇرسۇن تەبەسسۇم بىلەن.

  نۇر تۇرسۇن ئىلگىرى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى باغئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان خوتۇنى بىلەن بەش مو تېرىلغۇ يەر ۋە بەش مو ئۆرۈكلۈك بېغىدىن كىرىدىغان ئازغىنە كىرىمگە تايىنىپ ياشايتتى.

  نۇر تۇرسۇن 2019-يىلى 6-ئايدا يېڭىسار ناھىيەلىك باج ئىدارىسىدىكى سۈن جيې بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. سۈن جيې تۇنجى قېتىم يوقلاپ كەلگەندە، نۇرنىڭ چېھرىدىن ئۆزى ئويلىغاندەك خۇشاللىقنى ھېس قىلالمىدى، ئۇ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالاپ كەتمەيتتى.

  سۈن جيې نۇر تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئالدى بىلەن ئىشنى نۇر تۇرسۇننىڭ ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلاشتىن باشلاشقا بەل باغلىدى. ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە، سۈن جيې نۇرنىڭ ئۆيىگە بىر يېڭى كارىۋات ئېلىپ باردى، كېيىن تەرەت قاچىسى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، شۇنىڭدەك گۈرۈچ، ئۇن، ماي ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغان بولدى. ئەستايىدىل سۈن جيې يەنە بىر نەچچە تۈپ پەسىللىك گۈللەرنى ئەكىلىپ، نۇر تۇرسۇننىڭ ھويلىسىغا تىكتى.

  مۇھىتى بارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتقان يېڭى ئۆيىگە قاراپ، نۇر تۇرسۇن ۋە خوتۇنىنىڭ چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم جىلىۋىلىنىشكە باشلىدى، سۈن جيې شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن «بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن بولۇپ قالدى. نۇر تۇرسۇن سۈن جيېنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا، بالدۇرلا دەرۋازىنى چوڭ ئېچىپ، ئوخشىتىپ ئېتىلگەن لەغمەن بىلەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولدى.

  قەلب ئىشىكى ئېچىلدى، ئەمدىكىسى تۇغقانلىرىنى باشلاپ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش بولدى. نۇر تۇرسۇن ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى ئاز بولغاچقا، ھەر قېتىم يەر تېرىغاندا، سۈن جيې كېلىپ ياردەمدە بولدى، بەزىدە تېخى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ ياردەملىشىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى. بۇغداي بىلەن ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سۈن جيې يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى نۇر تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، بىئولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش + دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش ئىلغار تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇغداي ۋە ئۆرۈك كۆچىتى تىكىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، زىرائەتلەردىكى ھاشاراتنى يوقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئىككى يىلدا، نۇر تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئۆرۈك ۋە بۇغداي سۈپىتى، مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  پەقەت بىرنەچچە مو زىرائەتكە تايىنىپلا كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئالاقە جەريانىدا، سۈن جيې نۇر تۇرسۇننىڭ ياغاچچىلىق ھۈنىرى بارلىقىنى بىلدى، بۇ يىل كەنتتە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈشى بىلەنلا، سۈن جيې نۇر تۇرسۇنغا ياردەملىشىپ كەنتتىكى توپلۇق ياغاچ ھۈنەرۋەنچىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلەشتى.

  قايتىدىن ياغاچچلىق ھۈنىرىنى قولىغا ئالغان نۇر تۇرسۇن ئەتراپىدىكىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، رەتلىك ئۈستەل، ئورۇندۇقلار نۇر تۇرسۇننىڭ ياغاچچىلىقتىكى پىشقان ھۆنىرىنى نامايان قىلىپ، ئۇنى ئېيىغا 1800 يۈەن مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتۈرۈپ، يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  «كۈندە ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بارىدىغان بولدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ھازىر ئۇ ئەينى چاغدىكى ھويلىدا بىكار ئولتۇرىدىغان نۇر ئاكا ئەمەس» دېدى سۈن جيې.

  ئۆرۈكنىڭ پىشىشىغا ئاز قالدى، سۈن جيې شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۆرۈك پىششىقلاش كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نۇر تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئۆرۈكىنى سېتىپ بېرىش يوللىرىنى ئاچقاندىن سىرت، يەنە نۇر تۇرسۇنغا ئۆرۈك ئىلغاپ، يۇيۇپ ئايرىيدىغان ۋاقىتلىق خىزمەت تېپىپ بەردى، بۇ يەردە ھەركۈنى 100 نەچچە يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

  سۈن جيېنىڭ ياردىمىدە، نۇر تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئۇنىڭ روھىي قىياپىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. نۇر تۇرسۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈن جيېنى ئىزدەپ، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيىدە ئۈستەل، ئورۇندۇق ياساپ كەچلىك بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ ئۆينى بېزەش ئويى بارلىقىنى ئېيىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ