تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

زاراڭزىلار كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدى بىلەن تەڭ چېچەكلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ خۇاگۇاڭ، چېن شۇاڭشى، لى مىڭشېڭلار خەۋىرى، فوتوسى): بۇ بىر نەچچە كۈندە، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مو يەردىكى زاراڭزا ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپ، كەنتنى گۈزەللەشتۈردى، دېھقان ئائىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلدى.

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جېڭىس يېزىسى چىغىر كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە خې شېڭيۇەننىڭ زاراڭزا ئېتىزلىقىدا، ئۇ بىر قانچە كىشى بىلەن بىرگە زاراڭزا چېچىكى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل ئۇ 65 مو قۇرغاق يەرگە زاراڭزا تېرىغانىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا ۋاقتىدا يىغىۋېلىنسا، بىر مو قۇرغاق يەردىن 10 نەچچە كىلوگرام ئەتراپىدا زاراڭزا چېچىكى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتسا، بەش كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدىكەن. ناۋادا ئىلگىرىكى يىللاردىكى بازار باھاسى بويىچە بولسا، ئۇنىڭغا زاراڭزا ئۇرۇقىنىڭ پايدىسىنى قوشقاندا، كىرىدىغان كىرىم ئۇنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى دېھقان ئائىلىلىرىنى زاراڭزىنى كۆپ تېرىشقا، ياخشى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، زاراڭزا تېرىشتىكى پەن-تېخنىكا سېلىنما سالمىقىنى زورايتتى، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك دېھقان تېخنىك خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ زاراڭزا پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بار بولۇپ، قەرەللىك ھالدا ئېتىزلىققا بېرىپ دېھقان ئائىلىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خې شېڭيۇەننىڭ تېرىقچىلىققا بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، زاراڭزا تېرىلغۇ كۆلىمىنى يىلمۇيىل كېڭەيتتى، كىرىمىمۇ يىلمۇيىل ئاشتى.

  «جۇڭگونىڭ تىكەنسىز زاراڭزا ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار چاغانتوقاي ناھىيەسى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نىسبەتەن چوڭ زاراڭزا تېرىش بازىسى بولۇپ، زاراڭزا چېچەكلەش مەزگىلىدە، ھەممىلا يەردە زاراڭزىلار ئوتقاشتەك چېچەكلەپ، شۇ جايغا ھۆسن قوشىدۇ، زاراڭزا كەسپى ھازىر مەزكۇر ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى بىر تۈرلۈك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. نۆۋەتتە، مەزكۇر ناھىيەدە زاراڭزا تېرىغان دېھقان ئائىلىسى 10 مىڭدىن ئېشىپ، 860دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ زاراڭزا كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  زاراڭزا ھەسىلىمۇ چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى. زاراڭزىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزاق بولغاچقا، ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ بېشىغىچە يىغىش باشلىنىدۇ، يىغىش ۋاقتى تاكى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. زاراڭزا ھەسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغاچقا، بازاردا ياخشى سېتىلىپ، شۇ جايدىكى 16 دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ھەسەل ھەرىسى توپى 3600 نەچچىگە يېتىپ، يىللىق ھەسەل مىقدارى 180 توننا ئەتراپىدا بولدى، بولۇپمۇ قارابۇرا يېزىسى شىمالىي قارابۇرا كەنتىدە يەنە ھەرە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇلۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى