تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«كىچىك ھويلا-ئاران» «چوڭ ئىگىلىك»كە ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر نۇرۇللا ھەسەن): ھويلا-ئاران ئىگىلىكى مەبلەغ ئاز، ئۈنۈمى تېز، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى يول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «كىچىك ھويلا-ئاران»نى «چوڭ ئىگىلىك»كە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى ليۇشۇجۇاڭ كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، پاكىز، رەتلىك كوچىلار، يېشىللىققا پۈركەنگەن ھويلا-ئارانلار كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالىدۇ. كەنت ئاھالىسى ياڭ شۆ ھويلىسىغا كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ تىكتى، يەنە 60 نەچچە توخۇ باقتى، ئانچە چوڭ بولمىغان ھويلىسىنى رەتلىك تۈزەشتۈردى.

   كەنت ئاھالىسى جاڭ مېينىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى ماناس ناھىيەسىنىڭ سۇساتقان قازاق يېزىسى باشئېرىق كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە بولۇپ، ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، يەنە بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، جاڭ مېي نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلغانىدى. بۇلتۇر ماناس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ سۇساتقان قازاق يېزىسى باشئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 6500 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە 1000 چۈجە ئېلىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭ سېتىشىغا ياردەم بەردى، قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدا ساپ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل، ئۇ داۋاملىق ھويلىدا چۈجە باقتى ھەمدە ھويلىسىغا كۆكتات ۋە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى تىكتى، جاڭ مېينىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ماناس ناھىيەسى 1516 ئائىلىدە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرغان، بۇ مۇھىتنى كۆكەرتىپلا قالماي، يېزا-كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرگەن، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى