تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلدى

لوپ ناھىيەسى:

كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

ئۆردەك باقامسىز ياكى مور تېرىمسىز؟ قارار قىلىدىغان ئاشۇ كەچتە، لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى يېڭى لەڭگەر كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئاتىكەم ئاسىم ئېرى بىلەن يېرىم كېچىگىچە مەسلىھەتلەشتى، «ئىككىسىلا ياخشى كەسىپ، قايسىنى تاللاشنى ھەقىقەتەن بىلمىدۇق.» ئاخىرىدا، كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، باقمىچىلىق تەجرىبىسى بار ئاتىكەم ئۆردەك بېقىشنى تاللىدى. «ھازىر ئۈچ تۈركۈم باقتىم، تەخمىنەن ھېسابلىغاندا 16 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئاتىكەم خۇشال ھالدا.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن تۈرتكە بولىدىغان كەسىپ بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، قىيىنچىلىقى بارلارنى يېتەكلەش «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ كاللىسىنى ئويغاتتى، قەلبىنى ئىللىتتى، ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپى قانداق كىرگۈزۈلدى

«نېمە باقسا پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟» 34 ياشلىق ئاتىكەم ئىلگىرى ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىگەنىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، ھۆكۈمەت بىر تۇياق نامراتلارنى يۆلەش كالىسى تارقىتىپ بەردى، ئۇ يەنە قەرز ئېلىپ ئىككى تۇياق كالا سېتىۋالدى. كالا بېقىپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالىنىڭ سەمرىمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاتىكەم توختىماستىن ھەلەپ بەردى، كالا بەك يوغىناپ كېتىپ، قوتاندا بۇرۇلالماي قالدى، بۇرۇلىمەن دەپ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، كۆز ئالدىدىكى سويۇپلا گۆشىنى ساتقىلى بولىدىغان كالىنىڭ شۇ سەۋەبلىك باھاسى چۈشۈپ كەتتى.

بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كەنت كادىرلىرى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، كېيىن كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەربىر ئائىلىدە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمىدى، بازارغا بۆسۈپ كىرىشتە ئارقا - ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، ئاتىكەم قايتا كالا باقمايدىغان بولدى.

ئاتىكەم تۇرۇشلۇق يېڭى لەڭگەر كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، قاتناش قولايسىز، تۈۋرۈك كەسىپ كەمچىل ئىدى. لوپ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن نامرات كەنتتە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، بۇ، بۇ ناھىيەگە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

ئاتىكەم بۇ بۇرۇلۇشقا گۇۋاھ بولدى. 2018 - يىلى، لوپ ناھىيەسى سىرتتىكى بىر يېمەكلىك كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان گۆش ئۆردىكىدىن چۈجە چىقىرىش، بېقىش، سويۇش كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى ھەم «شىركەت+بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت باقمىچىلىق ئەندىزىسى قوللاندى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئالتە يېزا - بازاردا 11 بازا، 250 نەسىللىك ئۆردەك باقمىچىلىق لاپىسى قۇرۇلۇپ، ھەربىر لاپاسنى 20 نامرات ئائىلە ئورتاق باشقۇردى، بىر يىلدا ئالتە تۈركۈم بېقىپ، 5000 نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

ھۆكۈمەت مەبلەغ سالدى، كارخانا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، ئۈنۈم تەڭ ئايرىلدى، ئاتىكەمنىڭ باقمىچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى قايتىدىن تۇرغۇزۇلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاتىكەم باشقا نامرات ئائىلىلەر بىلەن شېرىكلىشىپ بىر نەسىللىك ئۆردەك باقمىچىلىق لاپىسىنى باشقۇردى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تاڭ سەھەردىلا، ئاتىكەم ئازراق تاماق يەپلا، كەنتنىڭ شەرق بېشىدىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاراپ ماڭدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ بالىسىنى چوڭلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆردەك باقتى. ھازىر ئۆردەك ئۈچ تۈركۈم بېقىلدى، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى.

بۇ ئىككى يىلدا، لوپ ناھىيەسى نامرات نوپۇسنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بېيىتىش كەسىپلىرىنى تېز يېتىشتۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى ھەم باشلامچى كارخانىلار تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى تۈرلەرنى يولغا قويۇشتىكى ۋاسىتىگە ئايلاندۇردى، بۇ يىل كەسىپلەر بويىچە يۆلەش ئارقىلىق 87 مىڭ 700 كىشىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

گۆش ئۆردىكى باقمىچىلىقى، كەپتەر باقمىچىلىقى، يەنە سۈت كالىسى، تۇخۇم توخۇسى، توشقان باقمىچىلىقى قاتارلىقلار بار، بۈگۈنكى كۈندە لوپ ناھىيەسىنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى نامرات ئائىلىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى ۋە ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

«كەڭ كۆلەمدە تېرىپ، ئاز ھوسۇل ئېلىش» قانداق ھەل قىلىندى

لوپ ناھىيەسىنىڭ بوستانلىق كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە يەر كۆلىمىنىڭ ئاران %5.6ىنى ئىگىلەيدۇ، 300 مىڭغا يېقىن نوپۇسنىڭ ئاران 340 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بار. قۇرغاق، يامغۇر ئاز، قۇم - بوران مەزگىلى ئۇزاق، ئەڭ تەجرىبىلىك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىمۇ «كەڭ كۆلەمدە تېرىپ، ئاز ھوسۇل ئېلىش» مۈشكۈل ئەھۋالىدىن ساقلىنالمايدۇ.

لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭ كۈزلۈك كەنتى ئىلگىرى يەر تېرىيتتى، ھازىر مور تېرىيدۇ، كەنتتىكى نامرات ئائىلە پاتەم روزىمەمەتمۇ مور تېرىيدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاز جاپا تارتمىغان. 21 ياشلىق پاتەم ئائىلىنىڭ چوڭ قىزى، ئىنى - سىڭىللىرىنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، ئۇ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ يەر تېرىپ، ئىككى مو يەردىن چەكلىك ھوسۇل ئالاتتى. ئائىلىسىنىڭ يېرى ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىن، پاتەم «ئىشسىز» قالدى، باشقىلارغا ئەگىشىپ ھەممە يەرگە بېرىپ پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تاپتى؛ قىلىدىغان پارچە - پۇرات ئىش بولمىغاندا پاتەم جىددىيلىشىپ پايپېتەك بولۇپ كېتەتتى...

دەل شۇ چاغدا، كەنتتىكى ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى ئىشىك ئالدىغا كەلدى: «كەنت بېشىدا مور تېرىش پارنىكى بار، نامرات ئائىلىلەر ھەقسىز ھۆددىگە ئالسا بولىدۇ، بۇنىڭدا يەر تېرىغاندىكىدىن كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

پاتەم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تۆت پارنىكقا ئىمزا قويدى، شىركەت تېرىشقا، يىغىشقا مەسئۇل بولدى، پارنىكتىكى ئىشلار كۈندىلىك پەرۋىش ۋە مور يىغىش بولۇپ، پارنىكنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈردىلا بىر يىلدا 24 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، ئۇ تولىمۇ خۇشال بولدى.

دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ھېسسىياتى ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ئايان، يەردىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار بارلىق ئاماللارنى ئويلىدى. «50 مو يەرگە زىشۇ تېرىپ، بىر مو يەردىن ئىككى توننا ھوسۇل ئېلىپ، 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.» سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئابلىز ئەخمەتنىڭ سۆزىدىن مەمنۇنلۇقى چىقىپ تۇراتتى. بۇلتۇر كەنتتە زىشۇ تېرىشنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق خەۋىرى ئابلىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، كادىرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سەپەرۋەر قىلىشىنى ساقلىمايلا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈچ نامرات ئائىلىنى تېپىپ ئالتە كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ زىشۇ تېرىدى.

ھازىر بوستانكۆل كەنتىدىكى 22 پارنىكتىكى زىشۇ مايسىسى تۆت يېزا - بازاردىكى ئالتە كەنتكە كېڭەيتىلدى، 6 - ئاينىڭ بېشىدا بىرىنچى تۈركۈمدە چوڭ ئېتىز، ئورمان ئاستى ھەم ھويلا - ئارانلاردا 800 مو يەرگە كۆچۈرۈپ تىكىش تاماملىنىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە 4000 مو ئەتراپىدىكى چوڭ ئېتىزدا زىشۇ تېرىشنى كېڭەيتىش پىلانلاندى.

ئەسلىدىكى يەردە تېخىمۇ زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى، لوپ ناھىيەسى پارنىك، لاپاس كۆكتاتلىرى، مېۋە - چېۋە يېڭى سورتلىرىنى كىرگۈزۈش ھەم كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇردى ھەم ياڭاق، چىلان قاتارلىقلارنى تېرىشنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، قارامور، كاۋاۋىچىننى ئاساس قىلغان خاس كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردى.

كەسىپ بازىسى قانداق بەرپا قىلىندى

نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشتە كەسىپ تەرەققىيات شەكلىدىمۇ بىر مەيدان ئىنقىلاب قىلىش كېرەك. لوپ ناھىيەسى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر باغچىسىدا يېڭى بىر كەسىپ قىممەت ياراتماقتا.

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر باغچىسىدىكى خوتەن سېنتې چاچ بېزىكى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماسكا تاقىۋالغان نەچچە ئون ئىشچى باش چۆكۈرۈپ يالغان چاچ ياپراقچىلىرىنى رەتلەۋاتاتتى. مۇخبىر ئابلەت تۇرسۇننى كۆرگەندە، ئۇ خىزمەت كىيىمى كىيگەن بولۇپ، ئىككى قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ۋە باش بارمىقىنى پىلاستىر بىلەن ئوراپ، يالغان چاچلارنى بىر - بىرلەپ رەتلەۋاتاتتى. «بۇنداق بولغاندا قولايلىق بولىدۇ، قول ئۇپرىمايدۇ» دېدى ئابلەت.

ئابلەت لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى قۇم ئازما كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بىر نامرات ئاھالە، بۇلتۇر 4 - ئايدا، ئۇ يالغان چاچ زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلەپ، شاگىرتلىقتىن قەدەممۇ قەدەم ئىشلەپچىقىرىش ماھىرىغا ئايلاندى. «زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ماڭا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى، ھەر ئايلىق كىرىمىممۇ ناھايىتى ياخشى، نامراتلىق مەندىن بارغانسېرى يىراقلاشتى» دېدى ئۇ.

ئابلەت ئىشلەۋاتقان زاۋۇتنىڭ ئەتراپىدىكى يەنە 25 كارخانىنىڭ ھەممىسى چاچ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلار تۇتام يالغان چاچ، پارچە يالغان چاچ، كەيمە چاچ قاتارلىق يالغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھازىر 6700 كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىن 1400 كىشى بار بولۇپ، خادىملارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

«بۇ يەردە مەملىكەت بويىچە 5 - چوڭ چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسىپكارلىرى 8000 كىشىدىن ئاشىدىكەن.» خوتەن ۋىلايەتلىك چاچ مەھسۇلاتلىرى كەسپى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياڭ گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، كەسىپلەر باغچىسى كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، <كارخانا+دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

بۇ يىل، لوپ ناھىيەسى «باغچە رايونىدىكى كارخانا+» قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يالغان چاچ، كىيىم - كېچەك، چامادان - سومكا قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىدە يېزا - بازار نامراتلارنى يۆلەش كەسپىدىن توققۇزنى، كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدىن 80نى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى دېھقان ئائىلىلىرىگىچە ئۇزارتىدىكەن.

يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئەندىزە، كەسىپ زەنجىرى، بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزلەر لوپ ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ