6-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى شىخىشۇ يېزىسى فوتوۋولت مەمۇرىي كەنتىنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ توك يوللاندى. شۇ كۈنى شىخىشۇ يېزىسىدىكى 423 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى «تەلىيى بارلار توك ئىشلىتىش» تارىخى بىلەن خوشلىشىپ، تۇرمۇشنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى.
خەلق تورى خەۋىرى: شىخىشۇ يېزىسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2980 مېتىر كېلىدۇ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئورنى ئەڭ يىراق، گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇرەككەپ، تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ ناچار بولغان چېگرادىكى تاغلىق رايون يېزا ۋە يېزا بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، شىخىشۇ يېزىسى ئېلېكتىر تورى يالغۇز تور ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشتە فوتوۋولت تاختىسىغا تايىنىپ تەستە تەمىنلەش ئېلىپ بارغىلى بولاتتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى كەنتلەردە ئېغىر توك چەكلەش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغاچقا، توك ئىشلىتىش سۈپىتى ناچار، تۇرمۇشتىكى نورمال توك، سۇ ۋە پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى.
شىخىشۇ يېزىسى چوڭ ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەرلىكتە توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپلا قالماي، چەت، يىراق تاغلىق رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، توك ئىشلىتىش مۇھىتىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. مەكتەپلەر يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، يېزا-بازار شىپاخانىلىرى پۈتۈن بىر يىلدا 24 سائەت توك بىلەن جىددىي داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە داۋالاش ئەسۋابلىرىنى كىرگۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىغا قاراپ ماڭدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت چوڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش ۋە فوتوۋولت ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى توك ئىشلەتمىگەن نوپۇسلارنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 2019-يىلى 6-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى چوڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق فوتوۋولت مەمۇرىي مەمۇرىي كەنتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى ۋە ئاپتونوم رايون تەخمىنەن 560 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، 11 فوتوۋولت توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەمۇرىي كەنتلەردە توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشنى ئېلېكتىر كۈچى كاپالىتىگە ئىگە قىلغان. (مۇخبىر خەن تىڭ)