تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، كوئىنلۇندا ئۇچرىشىش» _ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا «تاڭزۇڭزا مۇھەببىتى» باش تېمىسىدىكى جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمى، «كوئىنلۇندا ئۇچرىشىش» ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىرى ھەمدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، S101 لىنىيەسى دەنشيا يەر شەكلى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى قار-مۇز بازىرى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ئۆزگىچە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، «گۈزەل شىنجاڭنى ساياھەت قىلىپ، كوئىنلۇندا ئۇچرىشىش» _ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا «تاڭزۇڭزا مۇھەببىتى» باش تېمىسىدىكى جۇلالىق ئۈرۈمچى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى رەسمىي باشلاندى.
بۇ يىلقى دۇەنۋۇ بايرىمىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىگە يەنە بىر ياخشى بارىدىغان جاي كۆپەيدى، يەنى ئۇلار چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئىنلۇندا ئۇچرىشىش»نى كۆردى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە 3000 پارچە ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلدى، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى توردا تارقىتىلغان ۋە نەق مەيداندا تارقىتىلغان ساياھەت ئىستېمال بېلىتى 10 مىڭغا يەتتى.
«كوئىنلۇندا ئۇچرىشىش» ھەقىقىي مەنزىرىلىك تىياتىرىدىن كۆرۈنۈش.
دۇەنۋۇ بايرىمىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7-ئايدىن 8-ئايغىچە يەنە ماجياجۇاڭزى كەنتى ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرى، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن، شىمىگۇ رايونىنىڭ «شۈيمو تىيانشان» دالا مۇسابىقىسى، داۋانچىڭ رايونىنىڭ 8-نۆۋەتلىك جۇخارگۈلى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، سايباغ رايونىغا كېلىش. يامالىق تېغى ساياھىتىدە ئۇچرىشىش قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ جېنيۈ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى پائالىيىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت-ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تۈرلىرى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بەرپا قىلىنغان نۇقتىلىق كوچا، مەنزىرە نۇقتىلىرى، لىنىيەسى قاتارلىقلار مەركەزلىك نامايان قىلىندى، شۇنداقلا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە گۈزەل شىنجاڭ ۋە جۇلالىق ئۈرۈمچى نامايان قىلىندى».