تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى گۇاڭجوۋ سانائەت شەھەرچىسىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئىشتىن چۈشۈپ سېختىن چىقماقتا.

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، پاتىگۈل(ئوڭدىن 2-كىشى)  سىڭلىسى رابىگۈل(ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن بىللە كىيىم پىچىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكتە.

پاتىگۈل(سولدا) 6-ئاينىڭ 3-كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، سىڭلىسى بىلەن كىيىم پىچىش تېخنىكىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، پاتىگۈل(سولدا) سىڭلىسى بىلەن ئۆيگە قايتىش يولىدا.

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجوۋ سانائەت شەھەرچىسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ سېخىدا، پاتىگۈل سامساق بىلەن سىڭلىسى رابىگۈل سامساق ئۇستىسىنىڭ كىيىم تىكىش تېخنىكىسى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى.

    پاتىگۈل قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى داچا كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى ئېرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشىدىن كىرەتتى.
  پاتىگۈل 2018-يىلى 4-ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجوۋ سانائەت شەھەرچىسىنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ دەرھال تىزىملاتتى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، پاتىگۈل كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولدى، ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى ئايدىلا 1800 يۈەن مائاش ئالدى. «ھازىر مەن كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماي، يەنە زاۋۇتنىڭ تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلاندىم. ئايلىق مائاشىم 2500 يۈەن» دېدى پاتىگۈل خۇشال ھالدا.

   ئاچىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سىڭلىسى رابىگۈل بۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ، ئۆزىنى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئېيتتى. پاتىگۈل مۇنداق دېدى: «2018-يىلى 7-ئايدا سىڭلىم ئارزۇسى بويىچە زاۋۇتقا ئىشقا چۈشتى، ھازىر ئۇنىڭ تېخنىكىسى مېنىڭكىدىن ياخشى، مائاشىمۇ نەچچە 100 يۈەن كۆپ. بىز تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتتۇق، يەنە كىرىمىمىزگە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، توكسىكلىت سېتىۋالدۇق».

   «كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولاي دېدى، كىرىمىممۇ يامان ئەمەس. مەن يەنە بىر يىل ئىشلەپ ئازراق پۇل يىغىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىيىم لايىھەلەشنى ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتىمەن، كېيىن كەنتتە ئۆزۈمگە تەۋە كىيىم لايىھەلەش شىركىتى ئېچىش ئارزۇيۇم بار» دېدى رابىگۈل تارتىنىپ.

   بۇ ئاچا-سىڭىلغا ئوخشاش، ھازىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى گۇاڭجوۋ سانائەت شەھەرچىسىدە ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىسى 6600دىن ئاشتى، ئۇلار بۇ يەردە ئىشچان قولىغا تايىنىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى