6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى نەنچاڭ شەھىرى خوڭگۇتەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان كەچلىك بازاردا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئويۇن قويۇپ بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە «كوچا سەنئەتكارلىرى شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جانلاندۇرۇش، كوچا ئويۇنى ئارقىلىق كېچىلىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە شەھەردىكى ھەرقايسى سودا رايونلىرى، مەدەنىيەت-ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، دالا سىرتى ئاممىۋى ئىستراھەت سورۇنلىرى قاتارلىقلاردا ئويۇن قويۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى كېچىدە ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش، سېرىك ئويناش، ئەلنەغمە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ماھارىتى قاتارلىق شەكىللەردىكى ئويۇنلارنى قويۇشقا تەشكىللەندى.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرى نەنچاڭ شەھىرى خوڭگۇتەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان كەچلىك بازاردا شەھەر ئاھالىلىرىگە ئويۇن قويۇپ بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى