تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭى نۇسخىدىكى باج ئېتىبار سىياسىتى كۆرسەتمىسى كەلدى!

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاش:

يېڭى نۇسخىدىكى باج ئېتىبار سىياسىتى كۆرسەتمىسى كەلدى!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈ چيۇڭيۈەن) مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، باج تارماقلىرى يېڭى نۇسخىدىكى باج ئېتىبار سىياسىتى كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامرات رايونلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايون»لارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت كۈچلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىئانە قىلىش سالمىقىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان 110 تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتنى يولغا قويغان.

كۆرسەتمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجىدا «ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنى يېرىم كېمەيتىش»، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئاسراش ھەققىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىلسە، قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھۆددە يەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىشىگە ئوبوروت قىلىپ بېرىلسە، قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، يېزا يېرى، ئۆي ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاشتا يەر خېتى بېجى ئالماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەر نامرات رايونلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

قوشۇلما قىممەت بېجىدا كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سېتىش سوممىسى چەكلىك سومما ئىچىدە بولسا، قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، كىچىك تىپتىكى ئاز پايدا ئالىدىغان كارخانىلارنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش... دۆلەت ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشسىزلار، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ياكى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇردى.

باج سىياسىتىدە باج كەچۈرۈم قىلىش، كىرىمنى كېمەيتىپ ھېسابلاش، تەييارلىق فوندىنى باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىش، ئاددىي باج ھېسابلاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سۇغۇرتا، كېپىللىك، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركەتلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دېھقانلارغا بەرگەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ھەم يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بەرگەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلار.

غەربىي قىسىم رايونلاردىكى رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپلەرگە كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەن نامرات نوپۇسلارنىڭ ئالاقىدار كىرىمىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ.

كارخانىلارنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش ئىئانە سوممىسىنى تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاشتىن بۇرۇن ئىسپاتقا ئاساسەن چىقىرىۋېتىش، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغان ماللاردىن قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش، شەخسلەر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ياكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى ئارقىلىق بەرگەن ئىئانە سوممىسىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاشتىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەر جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا كەڭ يېتەكلەپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىئانە قىلىش سالمىقىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ