تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چىلان كەسپىنى رىقابەت داۋامىدا تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى، تېخىمۇ كۈچەيتتى

چىرا ناھىيەسى:

چىلان كەسپىنى رىقابەت داۋامىدا تېخىمۇ ئەلالاشتۇردى، تېخىمۇ كۈچەيتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

شىنجاڭ دامو سىلۇخۇڭ باغ - ئورمانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان شاخلىرىنى پۇتىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تارتىلغان)

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

چىرا ناھىيەسىنىڭ ئۇزاق چىلان ئۆستۈرۈش تارىخى بار، «چىرا» ئۇيغۇرتىلىدا «چىلان» دېگەن مەنىدە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى زامانىۋى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەپەككۇرى بىلەن ئەنئەنىۋى چىلان كەسپىگە قايتىدىن تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، چىلان كەسپىنىڭ ئۈنۈمىدە داۋالغۇش كۆرۈلگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، خاس باغ - ئورمانچىلىق، بولۇپمۇ چىلان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

نۆۋەتتە، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 150 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 30 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى. چىلان كەسپى شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ئاساسقا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا جارى قىلدۇرغان تۈرتكىلىك، يېتەكچىلىك رولى ئۈزلۈكسىز نامايان بولماقتا.

دېھقانلار كەسىپ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر سىڭىشتى

6 - ئاي كىرىشى بىلەن، چىلان چېچەكنى قوغداش، مېۋىنى قوغداشنىڭ ھالقىلىق دېھقانچىلىق پەيتىگە قەدەم قويدى، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى سېدەكۆل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سەيدىمامۇت مۆمىننىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شىنجاڭ دامو سىلۇخۇڭ باغ - ئورمانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىلانچى دېھقانلارنىڭ يوپۇرماققا چېچىلىدىغان ئوغۇتنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پۈركۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، چىلان مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۇنىڭ يېقىنقى نۇقتىلىق خىزمىتى، شۇنداقلا بۇ پۈتۈن يىللىق چىلان مەھسۇلات مىقدارىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھالقا ئىدى.

ئادەتتىكى سۇغىرىش ئىشچىسىدىن كارخانىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگىچە، سەيدىمامۇتنىڭ ئۆگەنگىنى چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چىلان كەسپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بولدى.

«ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر چىلان ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆلەملەشمىگەن، تېخنىكىمۇ پىشىپ يېتىلمىگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە كارخانىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلمىي ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، چىلاننىڭ ئۈنۈمى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولماقتا.» سەيدىمامۇت مۇنداق دېدى: كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى.

ھەقىقەتەن، چىلاننى قانداق ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىشكە سېلىشتۇرغاندا، شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنىڭ كارخانا ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىدىكى ئۆزگىرىش تېخىمۇ بىۋاسىتە بولدى. سەيدىمامۇتقا ئوخشاش تېخنىكىغا پىششىق دېھقانلار تېخنىك بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان ئاددىي دېھقانلار كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يەر باشقۇرۇش ئىشچىسى بولدى.

شىنجاڭ دامو سىلۇخۇڭ باغ - ئورمانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېڭ شياۋخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: چىرا ناھىيەسىنىڭ چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركىتىمىز كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ چېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، كارخانا بىلەن دېھقانلار قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

«بىز ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلىدا دېھقانلارنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا بېرىپ ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلدۇق، كارخانا تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى ھەم چىلاننى قوغداش باھاسىدا سېتىۋالدى، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دېھقانلار ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇردى.» چېڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: بۇ خىل مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى بېسىم يېنىكلەپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.

چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرى توغرا ئۆستەڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى نۇرگۈل ئوبۇلقاسىم بۇ يىل ئېرى بىلەن بىللە 100 مو چىلانلىقنى ھۆددىگە ئېلىپ، سىلۇخۇڭ شىركىتىگە بېرىپ يەر باشقۇرۇش ئىشچىسى بولدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، نۇرگۈل ئېرى بىلەن توكسىكلىت مىنىپ ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىدىن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ، ھۆددىگە ئالغان چىلانلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىدۇ.

«كارخانىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن، چىلانلىرىمىز ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ، بۇ يىل كىرىمىمىزنىڭ 70 مىڭ يۈەنگە يېتىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.» نۇرگۈل مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدا مەسىلە يوق.

دېھقانلارنى چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە قاتناشتۇرۇش چىرا ناھىيەسىنىڭ چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى 40تىن ئارتۇق باغ - ئورمانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى(تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى) قۇردى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى نامرات دېھقانلاردىن تەشكىللەندى ھەم بىرتۇتاش تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى، «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى+نامرات دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ باغ - ئورمانچىلىق بويىچە ئىلمىي ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەم باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھەم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 400 يۈەن ئاشتى

چىرا ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىلان كەسپىدە بازار رىقابىتى كەسكىن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، قانداق قىلىپ ئورۇننى توغرا تېپىپ، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك.

بۇ يىل، سىلۇخۇڭ شىركىتىنىڭ 10 مىڭ مولۇق چىلان ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى 4700 مودىن ئارتۇق يەرنى يېشىل يېمەكلىك خام ئەشيا بازىسى دەپ ئېتىراپ قىلىش تاماملىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە قاتتىق چەك قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان چىلان يېشىل يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلدى.

«خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىغا چەك قويۇلغاچقا، چىلاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئادەتتىكى چىلاننىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىدىن كەلگەن ئۈنۈم مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ.» چېڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئىدىيەسى «يېيىش»تىن «ياخشى يېيىش»كە ئۆزگەردى، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە سۈپەت ئەۋزەللىكى شەكىللەنگەندىلا، ئاندىن شاللىنىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سۈپەت ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ئاددىي ھالدا ئاز - كۆپلۈك بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا تەرەققىيات نەزەرى بىلەن قاراش كېرەك.

بۇلتۇر، سىلۇخۇڭ شىركىتى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان چىلان ياپراقچىسى يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى، كارخانىنىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تەخمىنەن %20 ئاشتى. ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت ئاساسقا ئىگە بولغانلىقتىن، كارخانىنىڭ نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى قەدىمى تېخىمۇ زورايدى.

«بىز ئەتراپتىكى كەنتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى كارخانىمىزغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىشلەشكە قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇردۇق.» چېڭ شياۋخۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كارخانىمىز 110 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1000دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى دېھقاننىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ چىلان پىششىقلاش، يىغىش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

ئۈنۈمنىڭ ئۆسۈشى چىلان كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرا ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، خاس باغ - ئورمانچىلىقتا تولۇقلاپ تىكىش ۋە تۆۋەن ھوسۇللۇق باغلارنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 160نى قۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، چىرا ناھىيەسىدە چىلاننىڭ بىرلىك ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مو يەردىن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى 400 يۈەن ئەتراپىدا ئاشقان.

ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا پىششىقلاش تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى

باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سىجىل تەرەققىياتى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاش كەسىپلەشتۈرۈشتىكى بىرىنچى قەدەم، شۇنداقلا چىلاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدىن تاۋارغا ئايلىنىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم.

بۇ يىل، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئارىش كەنتىدە، شىنجاڭ شامو چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتى قۇرغان، ئىگىلىگەن كۆلىمى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان چىلاننى دەسلەپكى پىششىقلاش سېخى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چىلاننى دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ لىنىيەنىڭ تەييارلىقى پۈتۈپ، پات يېقىندا مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان چىلانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

شىنجاڭ شامو چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى پېڭ مۇنداق دېدى: پىششىقلاش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى چىرا ناھىيەسىنىڭ چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى بوغما ھالەت بولۇپ، پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىلان كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە چىرا چىلىنىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، شامو چىلانچىلىق شىركىتى ھەر يىلى 8000 توننا چىلاننى دەسلەپكى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلات پىششىقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ناھىيە تەۋەسىدىكى باشقا چىلان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ۋاكالىتەن پىششىقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى چىلان چىقىدىغان جايلارنىڭ دەسلەپكى پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

«يۇيۇش، قۇرۇتۇش قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاشتىن ئۆتكەن چىلانلارنىڭ باھاسى %5 يۇقىرى بولىدۇ.» لى پېڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى پىششىقلاش داۋاملاشما ئىنچىكە پىششىقلاشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئاساسى، كارخانىمىز چىلان چىقىدىغان جايلارنىڭ دەسلەپكى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، چىلان كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى تەدرىجىي ئۇزارتىپ، چىلاننى چىرا ناھىيەسىنىڭ بېيىش كەسپىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، چىرا ناھىيەسى شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، چىلان، ياڭاق قاتارلىق باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى چىقىدىغان جايلاردا دەسلەپكى پىششىقلاشنى پائال قانات يايدۇردى ھەم چىلان سودا بازىرى ئارقىلىق بىرتۇتاش ئۆلچەم بېكىتىپ، باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ چىلان سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى ھەم مەھسۇلات مىقدارى، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى چىرا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %20ىنى ئىگىلىدى، چىلان، ياڭاق قاتارلىق باغ - ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلدى، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېتەكچى كەسپى بولۇشتەك مۇھىم ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى