تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىرادە ھەم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ماڭدى

قاغىلىق ناھىيەسى:

ئىرادە ھەم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش يولىغا ماڭدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

55 ياشلىق باھارگۈل مەسۇپ بىر تال ياڭاقنى ئۈستەلگە «پاق» قىلىپ ئۇرۇپ، جىددىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «ياڭاقنى چاقمىسا يېگىلى بولمايدۇ، ئادەم ئەمگەك قىلمىسا ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ، ھازىر كىم ماڭا خىزمەت قىلماي ئۆيۈڭگە قايتىپ ئولتۇر دەيدىغان بولسا، مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ قالىمەن».

باھارگۈل قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسى ئۆتەڭسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ تېرىقچىلىق كىرىمى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆينى ساقلاپ يېتىشقا رازى ئىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايتتى. كېيىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ قايىل قىلىشى، سەپەرۋەر قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇلتۇر 12 - ئايدا، ئۇ شىنجاڭ مېيجيا يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشتى، ھەر ئايدا ئەڭ ئاز دېگەندە 1500 يۈەن مۇقىم كىرىمى بار بولدى. ئۇ بۈگۈنگە قەدەر ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئىشقا بېرىشقا ئادەتلەنگەچكە، ھازىر ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغان تۇرمۇشقا كۆنەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش ئاچقۇچ. قاغىلىق ناھىيەسى «ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلەش» سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت سۆزلەش، تىپ تىكلەش، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش، ماھارەت ئۆگىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتتا ئىشلىدى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باھارگۈل ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر خالتا ياڭاق مېغىزىنى ئۈستەل ئۈستىگە تۆكۈپ، ئەستايىدىل ئىلغاشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەش مو يېرى بار بولۇپ، كۆممىقوناق، بۇغداي ۋە ياڭاق تېرىيدۇ، كىرىمى بىرقەدەر تۆۋەن. گەرچە ئېرى كەنتتە خىزمەت تاپقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا يەنىلا بېسىم بار.

«ناھىيە بازىرىدىكى بىر ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىدا خىزمەت ئورنى بار، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئۆيىڭىزگىمۇ يېقىن، يامان ئەمەس كىرىم قىلالايسىز.» بۇلتۇر 12 - ئايدا، قاغىلىق ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوتۇنسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ھامۇتجان مامۇت باھارگۈلنىمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

«بولدىلا، ئېرىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولدى، مەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ باقمىغان، ئىشلىيەلمەسمەنمىكىن» دېدى باھارگۈل ئانچە قىزىقماي.

ئەتىسى، ھامۇتجان يەنە باھارگۈلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: «قاراڭ، مەريەممۇ ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ، بىر ئايدا 1500 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ، بۇنداق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ» دېدى.

كەچتە، باھارگۈل مەريەمنى تېپىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. «ئىش ئاسان، ئولتۇرۇپ ياڭاق مېغىزى ئىلغىساقلا بولىدۇ، ئاپىرىپ ئەكېلىدىغان ئاپتوموبىل بار، چۈشتە تاماق بېرىدۇ. مەن ئىشلەۋاتقىلى تۆت ئاي بولاي دېدى» دېدى مەريەم.

باھارگۈل قىزىقىپ قېلىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىشچىغا ئايلىنىپ، ھەر كۈنى كەنت بىلەن ناھىيە بازىرى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان بولدى، ھەر ئايلىق ئەمگىكىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى ئامانەت پۇلغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى ھەم خۇشال بولدى.

قاغىلىق ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ليۇ لىكۇي مۇنداق دېدى: ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى، بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرغان تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاممىنى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈردۇق ۋە تەربىيەلىدۇق. ھازىر، پۈتۈن ناھىيەدە 201 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بارلىق ئەمگەك كۈچىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى.

تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىرىمى قاتلاندى

ئەتىگەندە، سالقىن ھاۋادىن پايدىلىنىپ، جاڭگىلىئەسكى يېزىسى تۈگمەچاقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرامەت ئاۋۇت بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، ئالدىراش بىر كۈنىنى باشلىۋەتتى. «مەن ھازىر ئۇستام، بىر كۈندە 200 نەچچە يۈەن تاپالايمەن» دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

تۇرامەت ئىلگىرى كۈنلۈك ئىشلەپ پۇل تاپقان بولۇپ، مۇقىم كىرىمى يوق ئىدى.

بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» باشلاندى، قاغىلىق ناھىيەسىمۇ كەنت ئاھالىلىرىنى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئائىلە مۇلازىمىتى، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. جاڭگىلىئەسكى يېزىلىق ئەمگەك كاپالەت ئىشلىرى ئورنىنىڭ باشلىقى ئەركىن شاۋدۇن قىزغىن ئادەم، ئۇ تۇرامەتنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تىزىملىتىشقا دەۋەت قىلدى.

«مېنىڭ ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيەم يوق، ئۆگىنەلەرمەنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش كۆپ، تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كۆرە كۆپرەك ئىشلەپ پۇل تاپقىنىم ياخشىمىكىن» دېدى تۇرامەت.

«شاگىرت ئىشچىلارنىڭ بىر كۈنلۈكى 100 يۈەن، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن تېخنىكا ئىگىلەپ ئۇستام بولساڭ، بىر كۈندە ئاز دېگەندە 200 يۈەن تاپالايسەن، ئۆزۈڭ سېلىشتۇرۇپ باق» دېدى ئەركىن نەسىھەت قىلىپ.

ئىككى كۈندىن كېيىن، تۇرامەت تىزىمغا ئالدۇردى. 45 كۈن سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ئۇ قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى ھەم ئەمگەك ماھارىتى گۇۋاھنامىسى ئالدى.

«تەربىيەلەنگەندىن كېيىن كىرىمىم ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئاشتى.» تۇرامەت ناھايىتى خۇشال ئىدى، «مېنىڭ يەنە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئېگىز بىنالارنى سېلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپقۇم بار».

«بىز تەربىيەلەشتە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.» قاغىلىق ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۈن جىن مۇنداق دېدى: 2019 - يىلىدىن ھازىرغىچە بۇ ناھىيەدىكى تەربىيەلەنگەن دېھقانلار 38 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى، دېھقانلار بىر تەرەپتىن تېخنىكا ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن مېڭىسىنى «بېيىتىپ»، ماھارەتكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

كەنت ئاھالىسى ئىگىلىك تىكلەپ «دۇكان ئىگىسى» بولدى

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا، ئۇششاقباش بازىرى يۇقىرى مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايىم ئابلەتنىڭ كىچىك ئاشخانىسى تۈركۈم - تۈركۈم مېھماننى كۈتۈۋالدى، ئۇ يېڭىلا تەييار بولغان لەڭمەننى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئەكېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

ئايىم ئىشچان بولۇپ، تېرىقچىلىق كىرىمى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ راڭپىزا ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ھارۋا ئىتتىرىپ يۈرۈپ ھەممە يەردە راڭپىزا سېتىپ يۈرۈپ ھەر ئايدا خېلى كىرىم قىلدى. لېكىن ئۇ بوران، يامغۇر، ئاپتاپتا قالغاندا، بىرەر ئېغىز دۇكىنى بولۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى كىچىك ئاشپۇزۇل، كىچىك ماگىزىن قاتارلىق «ئون كىچىك دۇكان»نى تۇتقا قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى. «ئون كىچىك دۇكان»نىڭ ئىجارە ھەققىنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يىغىپ، ئىجارە ھەققىنىڭ %80ىنى نامرات ئائىلىلەرگە پايدا قىلىپ تەقسىملەپ بېرىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا، شۇ جاينىڭ يەنە 5000 يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بار. بۇ ئايىمنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

بۇلتۇر كەنتتە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېنىغا ئون ئېغىز دۇكان سېلىندى. ئايىم بىر ئېغىز دۇكان ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھايۋانات كېسەللىكلىرىنى تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش مەركىزىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئاشخانىسى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 700 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ».

يېقىندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئايىم يەنە بازارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ ئاشخانا ئېچىپ، مەخسۇس «بازار كۈنى» سودىسى قىلىدىغان بولدى. «بۇ بىر كۈنگە سەل قارىماڭ، 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ.

سۈن جىن مۇنداق دېدى: قاغىلىقتا ھازىر ئايىمدەك بۇنداق ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ناھايىتى كۆپ، پۈتۈن ناھىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 18 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ يىل ناھىيەمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدىن 15نى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش، «ئون كىچىك دۇكان»دىن 295 ئېغىزنى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرىدىن 44نى سېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ