تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتەيلى

شۈ چىنگۇاڭ

«2022 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدۇ» «2035 - يىلىغا بارغاندا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ»... يېقىندا چىقىرىلغان «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035» ۋە «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)»دە كەلگۈسى بىلەن ھازىر بىرلەشتۈرۈلگەن، ھەرقايسىسىنىڭ مۇھىم تەرىپى بار بولۇپ، ھەم گۈزەل مەنزىل ۋە ئۇلۇغۋار پىلان سۈرەتلەندى، ھەم كونكرېت يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش خەرىتىسى پىلانلاندى. ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشى جەزمەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيىتىگە سۈپەت قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.

مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى «مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»تىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»كىچە، يەنە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى «مەجبۇرىيەت مائارىپىدا كاپالەت بولۇش»قىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، مائارىپنىڭ ئورنى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق گەۋدىلىك بولۇپ باقمىغان، مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق غايەت زور بولۇپ باقمىغان. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.51كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.82كە، ئالىي مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %46.79كە يەتتى... كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر قاتار سانلار ئارقىسىدا بولسا مائارىپنىڭ مېھىر - شەپقىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى سۇغىرىۋاتقانلىقى، شەخسلەرنىڭ تەقدىرى بىلەن جەمئىيەت نىشانىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بار.

ئادىللىق مائارىپنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم چېكى، مائارىپ ئادىللىقى جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ مۇھىملىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز «مۇكاپاتلاش، قەرز بېرىش، ياردەم بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كېمەيتىش»تىن ئىبارەت كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە «پۈتۈن مۇساپىلىك يوچۇقسىز جىپسىلاشقان» ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق كېرەك» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

سۈپەت مائارىپنىڭ جان تومۇرى. مائارىپ ئادىللىقى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى، قاپلاش دائىرىسى قاتارلىق «مىقدار» جەھەتتە ئېشىشتا گەۋدىلىنىپلا قالماستىن، يەنە رايون، شەھەر - يېزا، مەكتەپ ئارىسىدىكى «سۈپەت»نىڭ تەڭپۇڭلۇقىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. «شىنجاڭ مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»تە كىشىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مەزمۇن «2035 - يىلىغا بارغاندا، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ بولغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ نىسبىتى %95كە يەتكۈزۈلىدۇ»دىن ئىبارەت. «ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇش»تىن «ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ بولۇش»قىچە ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى دەل خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى. «ھەممە ئادەم ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»نى ھەل قىلغان ئاساستا، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنىڭ «تورت»ىنى چوڭايتىپ، «ھەممە ئادەم ياخشى ئوقۇش» ئارزۇسىنى قاندۇرغاندىلا، ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ.

سىغدۇرۇشچان بولۇش مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم باش تېمىسى، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھەربىر بالا مۇستەقىل شەخس بولۇپ، تەبىئىي تالانتى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە كىشى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇشقا پايدىلىق مائارىپ ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ھەم ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەم نەزەرنى «تامنىڭ بۇلۇڭى»غىمۇ ئاغدۇرغاندىلا؛ ھەم ئادەتتىكى ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەم تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك كەسپىي مائارىپ بىلەن تەمىنلەشكە كۈچىگەندىلا؛ ھەم داڭلىق مەكتەپلەرنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ھەم داڭلىق بولمىغان مەكتەپلەرنى خاسلىققا ئىگە قىلغاندىلا مائارىپ ئاندىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتەلەيدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى ئاندىن تېخىمۇ كۆپ مەنبە سۈيىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە باغلىق.

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېخىمۇ ئادىل، سۈپەتلىك، سىغدۇرۇشچان مائارىپ مېخانىزمى ئورناتقاندىلا، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى چوقۇم ياخشى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ