تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رومانتىك گۇچۇڭ كېچە بولماس شەھەرگە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«كېلىڭلار، گۇچۇڭنىڭ ھەقىقىي گۇيرۇسىنى تېتىپ بېقىڭلار!» «ئەمدىلا قازاندىن چىققان قوي گۆشى ياپمىسىدىن بىر كىشىلىك كەلتۈرەيمۇ؟» 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، رەڭلىك چىراغلار ئەمدىلا يېقىلىشى بىلەن، گۇچۇڭ قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسىدا سېتىقچىلارنىڭ توۋلىغان ئاۋازلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىشقا باشلىدى. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو . گۇچۇڭ 8 - نۆۋەتلىك ساياھەت - مەدەنىيەت - مەززىلىك تائاملار بايرىمى بۇ جايدا باشلانغاندىن بۇيان، ئاۋات مەنزىرە ھەر كۈنى نامايان بولدى.

ئادەم بويى ئېگىزلىكىدىكى «ساڭزا مۇنارى» ئالتۇندەك پارقىراپ، ساپسېرىق تاۋا نېنىنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى... ساياھەت - مەدەنىيەت - مەززىلىك تائاملار بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، گۇچۇڭنىڭ ئالتە يۈرۈش چوڭ تەخسىلىك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى كۆزگە تاشلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. «ماڭا بىر كىشىلىك ساڭزا بېرىڭ!» ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى شېن جيۇپىڭ سۈرەتكە تارتىپ بولۇپلا، يېڭى ساڭزىنى تېتىپ بېقىشقا ئالدىراپ كەتتى. بىر چىشلىۋېدى ئاغزىدا غۇژژىدە ئېرىپ، گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي، توختىماي باش بارمىقىنى چىقاردى.

ئۆز دۇكىنىنىڭ ساڭزىسىنىڭ بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، يوۋسۇ لەنشياڭ ساڭزا دۇكىنىنىڭ باش دىرېكتورى باۋ رۇيجۈەننىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى. «بۇ <ساڭزا مۇنارى>غا 15 خالتا ئۇن ئىشلەتتۇق، تۆت ئادەم 12 كۈندە ئاران سېلىپ بولدى، گەرچە جەريان ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلىگەنلىكىدىن ئەرزىيدۇ دەپ قارايمىز!» ئۇ مۇنداق دېدى: «يوپۇرماقسىمان قۇيماق، كىچىك ماخۇا، شىرنىلىك چۈرۈك پېچىنە، ساڭزا ئىلگىرى ئاھالىلەر ئۆز ئۆيلىرىدە يەيدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ھازىر مەززىلىك تائاملار بايرىمى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يەرلىكنىڭ خاس ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە گۇچۇڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ داڭقىنى ئاشۇردى، بەك ياخشى بولدى».

جۇڭگو . گۇچۇڭ 8 - نۆۋەتلىك ساياھەت - مەدەنىيەت - مەززىلىك تائاملار بايرىمىدا ئالتە كۆرگەزمە رايونى، 160 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

«گۇچۇڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ خىلى كۆپ، تۈرى مول بولۇپ، بۇ قېتىمقى ساياھەت - مەدەنىيەت - مەززىلىك تائاملار بايرىمىدىكى خاس داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەر كۆرگەزمە ئورنىدا گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ 50 خىل خاس داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىكى كۆرگەزمە قىلىندى، بۇلار گۇيرۇ لەڭمەن، سېرىق ئاش كاۋاپ، قوي گۆشى ياپمىسى، بويۈزى، گۇچۇڭنىڭ تۆت چوڭ داڭلىق شورپىسى (چەينەك شورپىسى، تۇخۇم شورپىسى، ئارىلاش شورپا، دۇفۇ شورپىسى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەلىك ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ جۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

پائالىيەت مەزگىلىدە، بىر قاتار مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىمۇ كەينى - كەينىدىن باشلاندى. «ئاسماندا پەرۋاز قىلىش» ناملىق ئۇسسۇلدا، ئۇسسۇلچىنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى سىپتا، گۈزەل قىياپىتى تاماشىبىنلارنى مەستخۇش قىلدى؛ ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى چوڭ - كىچىك ئاشخانىلاردىن كەلگەن ئاشپەز ئۇستاملار ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى...

2019 - يىلى، گۇچۇڭ ناھىيەسى «جۇڭخۇا مەززىلىك تائاملار يۇرتى» بولۇپ باھالاندى. ئەنئەنىۋى، خاس مەززىلىك ئۇششاق تائاملارنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، ھەر يەر - ھەر يەرنىڭ تۈرلۈك مەززىلىك تائاملىرىنى كىرگۈزۈپ، داڭلىق يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى، داڭلىق ئۇششاق تائاملارنى پائال بەرپا قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئىستېمال بازىرى تەسىرگە ئۇچرىدى. ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان، ئىستېمالنىڭ قايتا ئېشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ، كېچىلىك ئىستېمال بازىرىنى گۈللەندۈردى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە گۇچۇڭ قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسى، خۇيتۇڭ خەنماتوۋ قاتارلىق ئون كېچىلىك بازار قۇردى. كېچىلىك ئىقتىساد ئاۋاتلاشقان گۇچۇڭ ناھىيەسىدە، 5 - ئايدا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش كىرىمى 17 مىليون 700 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %154.4 ئاشتى، يېمەك - ئىچمەك كىرىمى 4 مىليون 958 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %95.8 ئاشتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، گۇچۇڭ ناھىيەسى ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانىلارنى سۇبيېكت قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تۈجۈپىلىشىش، خاسلىشىش، كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، <تىيانشاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كېچە بولماس شەھەر رومانتىك گۇچۇڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ> دېگەن سۈپەتلىك ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۈدۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ