تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭىسار ناھىيەسى: ئەگمە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر قاۋۇلجان نەزەر): كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر. شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى رايون ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەگمە پارنىكتىن 35 مىڭ 864نى، چوڭ پارنىكتىن 439نى ياساپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى. ھازىر پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى كۆكتاتلار بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى.

    يېقىندا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزىسى كەنتېرىق كەنتىدىكى ئەگمە پارنىك تېرىقچىلىق بازىسىدا تۈرلۈك كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى خادىملار ئىش تەقسىماتى بويىچە ماسلىشىپ، سېتىشتىن بۇرۇنقى ئۈزۈش، تېڭىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، نەق مەيداندا مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. يېشىل ئۈمىد كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى پەزىلەتگۈل ئەمەت «ئۈچ توننا ئەتراپىدا كۆكتات سېتىپ، ياخشى پايدا ئالدۇق» دېدى.

    بۇ كەنت 259 ئەگمە پارنىكتا شوخلا، لازا، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئۆستۈرۈپ بازارغا سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل يېڭىدىن 500 ئەگمە پارنىكتا كۆكتات تېرىش، پەرۋىش قىلىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك كۆكتات كەسپى تېرىقچىلىق بازىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، كۆكتات تۈرىدە پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، گىرەلەشتۈرۈپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى