تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

پەرۋاز قىل، «پامىر بۈركۈتى»!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ جۇڭكەي، گاۋ خەن، خۇ خۇخۇ، سۇ چۇەنيى

پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز دۆلەت دەرۋازىسى» قونجىراپ پورتى ۋە «مۇز تاغ ئاتىسى» مۇزتاغ چوققىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئىككى يول بار. قونجىراپ يولى بىلەن مۇزتاغ يولى كېسىشكەن جايدا، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 مېتىر كېلىدىغان «پامىر بۈركۈتى» ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

قارلىق تاغ چوققىسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان تاغ بۈركۈتى تاجىك مىللىتىنىڭ توتېمى. تاشقورغاندا تەخمىنەن 33 مىڭ تاجىك مىللىتى ئاھالىسى ياشايدۇ، ئۇلار «پامىر بۈركۈتى» دەپ ئاتالغان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىزلىككە، ئېگىز ھەم سوغۇق جايغا، چېگراغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى تاجىك مىللىتى مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان.

«پامىر بۈركۈتى» ھەيكىلى ئاستىدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىغىنىنىڭ ھەممىسى تاغ. كوئېنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىندىقۇش تېغى... نامراتلىق ھەمراھ بولغان تاغلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

2019 - يىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش ۋە چوڭ تور توكىنى تاغقا يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن ۋەدە پامىر ئېگىزلىكىدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، ئادەم بىلەن تاغنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ دەۋر ھالقىغان ئۆزگىرىش يۈزبەرمەكتە.

تاغدىن ھالقىش: ئەتىۋارسىز قالغان تۆگە

«تۇڭ» تاجىك تىلىدا «جىلغا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، داتۇڭ يېزىسى تاشقورغاندىكى ئەڭ جاپالىق يېزا - بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆلىمى 2200 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تەۋەلىك رايونىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاغ.

49 ياشلىق دۇر جارىمان ئىلگىرى داتۇڭ يېزىسى ئاق تۆگە لەڭگەر كەنتىدە تۇراتتى، كەنت جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆيلەر تاغ ئېتىكىگە سېلىنغان، تاغلار ئېگىز، يول تار بولۇپ، كۈنبويى قۇياشنى ئانچە كۆرگىلى بولمايتتى.

ئەينى چاغدا، تاغ ئارىسىدىكى نۇرغۇن جايدا ئاپتوموبىل قاتنىمىغاچقا، دۇر ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا، تاغ ئېشىپ، دەريا كېچەتتى. تاغ يولنىلا ئەمەس يەنە چوڭ تور توكى ۋە خەۋەرلىشىش سىگنالىنىمۇ توسۇۋالغانىدى. «يان تېلېفوننى خېلى بۇرۇنلا سېتىۋالغانىدىم، لېكىن تاغدا ئاساسەن سىگنال يوق، پەقەت ناھىيە بازىرىغا بارغاندىلا ئاندىن يان تېلېفوننى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ».

2012 - يىلى يازدا، قارا يامغۇر بىلەن قارلىق تاغدىن ئېرىپ چۈشكەن سۇ تاغدىن چىقىدىغان يولنى ئېقىتىپ كەتتى. دۇر ئائىلىسىنىڭ 50 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق تاش - توپىلىق ئۆيىدىن يامغۇر قاتتىق ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا بەزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ تۆگە بىلەن تاغقا كىرىپ - چىقىپ، كۆمۈر، يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى.

«تاغدا، تۆگە بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش قورالىمىز» دېدى دۇر.

دۇر قۇياش نۇرى كەمچىل، سىگنال يوق كۈنلەرنى 47 يىل باشتىن كەچۈردى. 2018 - يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت جاپالىق، چەت، يىراق تاغلىق رايوندىكى ئاھالىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇردى. دۇر بىرمەھەل ئىككىلىنىپ، ئاخىر يەنىلا كۆچۈشنى قارار قىلدى. «بالىلار ئەمدى بۇنداق كۈن كەچۈرسە بولمايدۇ!»

دۇرنىڭ يېڭى تۇرالغۇسى ناھىيە بازىرىغا 30 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا جايلاشقان. 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى ياتاقلىق ئۆيگە كىرئالغۇ، گاز ئوچاق، ئىسسىنىش پار قازىنى ۋە بەنچاڭ قاتارلىقلار سەپلەنگەنىدى، ئۆينىڭ سىرتىدا يەنە ئۆلچەملىك قوتان ھەمدە تەخمىنەن ئىككى مو كېلىدىغان ھويلا بار ئىدى.

2019 - يىلى 6 - ئايدا، دۇرنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ ھەممىسى تاغدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. كۆچكەندىن كېيىن، دۇر تۆگىسىنى ئىشلىتىپ باقمىدى.

تاغدىن چىققاندىن كېيىن نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەك؟ بۇ نامرات ئاھالە دۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ غېمى ئىدى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ چېگرا قوغدىغۇچىسى بولغاندىن باشقا، چوڭ ئوغلى ناھىيەدە ئامانلىق ساقلىغۇچى، ئىككىنچى ئوغلى كەنتتە ساقچى ياردەمچىسى بولدى، ئۈچىنچى ئوغلى كىچىك دۇكان ئاچتى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، شۇ يىلى نامرات ئائىلە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى.

2017 - يىلىدىن بۇيان، تاشقورغاندا جەمئىي 1500دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق چوڭ تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان جايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، خىزمەت قىلدى.

تاغقا تايىنىش: يېڭى «رەڭلىك بۇلۇت ئائىلىسى»

ناھىيە بازىرىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى تاشقورغان يېزىسىدا ۋەرشىدى كەنتى بار. تاجىك تىلىدا «ۋەرشىدى» دېگەن سۆز «رەڭلىك بۇلۇت ئائىلىسى» دېگەن مەنىدە.

ۋەرشىدى كەنتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتى ئىدى. 30 ياشلىق ماھىنۇرگۈل ھېكىم ئادەتتە يەر تېرىش ۋە ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ كىرىمى ئاساسەن ئېرىنىڭ مال بېقىشىغا قاراشلىق بولۇپ، بىر يىلدا تەخمىنەن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكلا كىرىم قىلاتتى.

2015 - يىلى، كەنتكە بىر كىلومېتىر كەلمەيدىغان جايدا پامىر ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى. ماھىنۇرگۈل ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش بولدى.

كەنت داڭلىق ئارال ئالتۇن سازلىقى، تاشقورغان خارابىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا ناھايىتى يېقىن ئىدى، ماھىنۇرگۈل كىچىكىدىن تارتىپ كۆرۈپ كۆزىگە سىڭىپ قالغان جاي توردا ئالقىشلانغان جايغا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى «لەڭگەر» ئۆيىگىمۇ قىزىققان ساياھەتچىلەر پات - پات مېھمان بولۇپ كېلىدىغان بولدى. بۇلاردىن ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزچىل بىر «ئالتۇن تاغ»نى ساقلاپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

2016 - يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشىدا، ماھىنۇرگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆيىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتتى. كونا ئۆينىڭ يېنىغا ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېڭى ئۆي ۋە ئۆلچەملىك پۇقراۋى قونالغۇ سالدى. كونا ئۆي تاجىك مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان تۇرالغۇ مۇزېيىغا ئايلاندى. ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئۇلار يەنە تاجىكلارنىڭ بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىدۇ، مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ.

بىر قاتار ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ۋەرشىدى كەنتى «رەڭدار بۇلۇت ئائىلىسى» مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىگە ئايلاندى. پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاچقا، ماھىنۇرگۈل ئېرى بىلەن بىللە پۇقراۋى قونالغۇدا پۈتۈنلەي مېھمان كۈتۈش بىلەنلا شۇغۇللاندى. بۇلتۇر دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئاخشامدا 22 مېھماننى كۈتۈۋالدى، شۇ يىللىق كىرىمى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. «بۇ مەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ خۇشال بولغان ئىش».

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل تاشقورغاندا ساياھەتچىلەر ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى، لېكىن ماھىنۇرگۈل بۇنىڭ پەقەت «قىسقىغىنا زىمىستان» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

بۇ يىل 4 - ئايدا، ماھىنۇرگۈل يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ 30 نەچچە خىل يەرلىك قورۇمىسىنى تەييارلاشنى ئۆگەندى. ئائىلىسىدىكىلەر كېيىنكى كۈنلەردە ساياھەتچىلەرگە تاجىك مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەينەن ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كونا ئۆيىنى مۇستەھكەملەۋاتىدۇ. ھويلىسىغا يەنە شۆجۈ ۋە ماكا تېرىدى، ساياھەتچىلەر پۇقراۋى قونالغۇدا تاشقورغاننىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالالايدۇ.

«تاشقورغان - يەكەن تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق تاشيولى كېڭەيتىلىپ، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ» دېدى ماھىنۇرگۈل.

2019 - يىلى، تاشقورغان دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى، پۈتۈن بىر يىلدا ساياھەت قىلغانلار 1 مىليون 120 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40 ئاشتى. پۈتۈن رايون ساياھىتى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، پۇقراۋى قونالغۇ، مېھمانساراي، ئاشخانا ۋە يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى دۇكانلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

تاغنى قوغداش: چېگرانى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى پاكىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن ناھىيەلەرنىڭ بىرى. زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىپ چېگرانى قوغداش تاشقورغان ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بۇرچ.

37 ياشلىق چىراق مەمەرېھىمنىڭ ئۆيى دەفتەر يېزىسىنىڭ راسكام كەنتىدە بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد چېگرا قوغدىغان. چىراق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، دادىسى دائىم ئۇنى چېگرا چارلاشقا ئاپىرىپ، ئاشۇ جايلارنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «ئايىغىڭ ئاستىدىكىسى جۇڭگو، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىننى ياخشى مۇھاپىزەت قىل» دەيتتى.

تاشقورغاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھاكىم گۈلزار ئابراخمان كىچىكىدىنلا راسكام كەنتىنى بىلەتتى: «بىرىنچىدىن ئۇ جاي چەت، ئىككىنچىدىن ئۇ جاي مۇھىم (چېگرا بويىدىكى كەنت)».

چىراقنىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى چېگرا قوغدىغان يىللاردا، ئۇلار تۆگە قاتارلىق چارۋىلارغا مىنىپ چارلايتتى، قورسىقى ئاچسا قۇرۇق نان يەيتتى، ئۇسسىسا قار سۈيى ئىچەتتى، چېگرا چارلاش ياردەم پۇلىمۇ ئىنتايىن چەكلىك ئىدى. «ئۇ چاغلاردا دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىر جۈپ ئۇپرىمايدىغان ئايىغى بولۇش ئىدى» دېدى چىراق.

مۇشۇنداق چېگرا قوغداش تۇرمۇشىنى چىراقمۇ ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى. كېيىن تاغقا كىرىپ - چىقىدىغان يول ياسالدى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ئايلىق ياردەم تولۇقلىمىسىمۇ ئاز - تولا كۆپەيدى.

2017 - يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، راسكام كەنتى تاغ ئارىسىدىكى چۆللۈكتە قىزىل كاھىشلىق، سېرىق تاملىق ئىككى رەت يېڭى ئۆي سالدى. كەنتتىكى 141 ئائىلىلىك تارقاق تاغ جىلغىلىرىدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، سۇ، توك، تور بولغان قولايلىق تۇرمۇش كەچۈردى. شۇ يىلى شىنجاڭ ئېگىزلىك مۇھاپىزەت رايونىدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا موتوسىكلىت سەپلەپ بەردى، ئايلىق ياردەم تولۇقلىمىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، چېگرا چارلاش يولىدا تاماق، ياتاق تەمىناتى تولۇق بولغان ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى قۇردى، بۇ يىل يېقىن ئەتراپمۇ خەۋەرلىشىش سىگنالى بىلەن قاپلىنىدۇ. «ۋاقتى كەلگەندە چېگرا چارلاش مەزگىلىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ» دېدى چىراق.

2018 - يىلى، ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى چېگرا قوغدىغۇچى بولغان چىراق ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. چېگرانى قوغداش خىزمىتى يەنىلا شۇنداق مۇقەددەس، لېكىن ئىلگىرىكىدەك جاپالىق ئەمەس. چىراقنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزى كەلگۈسىدە ئەسكەر بولۇپ، دادىسىنىڭ چېگرانى قوغداپ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلىدى.

چېگرانى قوغدىغاندىن سىرت، چىراق يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بوز يەر ئېچىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چۆل - باياۋاننىڭ ھەممىلا يېرى تاشلىق بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتىن توپا ئەكېلىپ، چۆل - باياۋاندىكى تۇپراقنى ياخشىلاپ، بۇغداي، يالىڭاچ ئارپا ۋە كۆك پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىدى، تەخمىنەن 80 مىڭ تۈپ تېرەك، ئېگىزلىك سۆگىتى، ئالما دەرىخى، ئۆرۈك دەرىخى ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىزلىرىنىڭ ئەتراپىنى ئورىدى، يېڭى يوپۇرماقلار بىخ سۈردى، پۈتكۈل كەنت ھاياتىي كۈچكە تولدى.

«ئون يىلدىن كېيىن، بۇ چۆل - باياۋان بوستانلىققا ئايلىنىدۇ. شۇ چاغدا، تاغ جىلغىسىدىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئېشىپ، شامال پەسىيىدۇ. بىز تاغنى قوغدىساق، تاغمۇ بىزنى قوغدايدۇ» دېدى چىراق.

«راسكام» تاجىك تىلىدا «كان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كەنتنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ جىلغىسىدا ئىلگىرى نۇرغۇن كان بار ئىدى. ئېكولوگىيەنى ئاسراشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك 2018 - يىلىلا بارلىق كانلارنى تاقىدى ھەم قېزىش ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇپ تاشلىدى.

مۇھىم چېگرا ناھىيە ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى ۋە ئېكولوگىيە يولىدا مېڭىشى يەرلىك ئاھالىلەرگە يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. تاشقورغاندا 8000غا يېقىن چېگرا قوغدىغۇچى، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ۋە ئوتلاق مۇھاپىزەتچىسى بار.

«بۇ يەردە ئۇلارنىڭ قوغدايدىغىنى تاغلا ئەمەس، بەلكى ئائىلە بىلەن دۆلەت» دېدى گۈلزار.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى